نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ۋەزىيىتى ۋە شى جىڭپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىتى ھەققىدە توختالغان ياڭ جيەنلى ئەپەندى، شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئاساسلىق كۈچىنى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بىر مەزگىلگىچە ئىلگىرىكى جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«كۆپچىلىك ھازىر يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى سىياسەت قوللىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. ئەمما مەن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، مىللەتلەر مەسىلىسى يەنى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار مەسىلىسى ئۇلار نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر قاتارىغا كىرمىدى. چۈنكى ھازىر شى جىڭپىڭ ئەڭ باش قاتۇرۇۋاتقان مەسىلە، خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى قانداق مۇستەھكەملەش مەسىلىسى. چۈنكى ئۇنىڭغا كېلىۋاتقان رىقابەت خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى يۇقىرى قاتلامدىن كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ ھازىر ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش كويىدا. يەنە بىر مەسىلە، ھازىر خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىككە ۋە پارىخور ئەمەلدارلارغا بولغان نارازىلىقى كەيپىياتى كۈچلۈك، شى جىڭپىڭ ھازىر بۇ مەسىلىلەرنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك. شۇڭا ئۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئويلاۋاتىدۇ. مېنىڭچە شى جىڭپىڭ ئىككى يىغىندا ۋە يىغىندىن كېيىنكى مەلۇم مەزگىلگىچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە تىبەتلەر مەسىلىسىنى ئويلاشماسلىقى مۇمكىن. مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسەتمۇ ئەلۋەتتە بىر مەزگىلگىچە ئىلگىرىكى كونا ئەندىزە بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى سىياسىتىدە، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارغا قاراتقان باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتىش بىلەن بىللە، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىشى، نۆۋەتتە بۇ رايونلاردىكى مىللىي زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنى بارغانچە كۈچەيتىۋەتكەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:
«يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار سەۋەبىدىن، بۇ رايونلاردا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە نىسبەتەن ئېتىبارسىز قاراش، ھەتتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە يانتاياق بولۇپ، بۇ مىللەتلەردىن چىققان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كەيپىيات كۈچەيمەكتە. مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى كۈچىيىپ، توقۇنۇش ۋەقەلىرىمۇ كۆپەيمەكتە. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك يۈزلىنىش.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى قاتارلىق غايىلىرىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
«شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىدىن يېڭى بىر يۈزلىنىشنى كۈتۈشكە بولمايدۇ. شۇڭا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ، دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىغا بېسىم قىلىشىمىز، ئۇلارنى ھازىرقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە مەجبۇرلىشىمىز كېرەك.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «پۇقرالار كۈچى»تەشكىلاتى قاتارلىق خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بەزى ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
«ئەمەلىيەتتە، بىز 20 يىلدىن بۇيان ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. مەسىلەن بۇ قېتىم مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەنۋەدە ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشماقچىمەن. ھەر يىلى يەنە ئېتنىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى يىغىنلىرىمىز ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ يىغىنلارغا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى كېلىپ قاتنىشىۋاتىدۇ. بىز ھازىر ئۆز-ئارا ئىتتىپاق تۈزۈشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتۇق. مەلۇم مەزگىلگىچە بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئورتاق دېيىشكە بولىدۇ. يەنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈلمىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بىز خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى سالاھىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشىمىز؛ خىتايدا دەپسەندە بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە يەتكۈزۈشىمىز؛ ھەرقايسى مىللىي ئاپتونوم رايونلاردىكى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش جازاچى ئەمەلدارلارنى پاش قىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇپ، بۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشىمىز، مۇمكىن بولغان شارائىتتا، ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەرنى ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلدۇق. بىز يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردە ھەمكارلىشالايمىز. بولۇپمۇ ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئىنتېرنېتتا ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىچىدىكى پۇقرالارغا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھېقىقى ماھىيىتىنى تونۇتۇشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment