ئارزۇ نۇرمەمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئوقۇسا بولمايدىغان گەنسۇدىكى مۇسۇلمان مەكتەپلىرىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى

ئارزۇ نۇرمەمەتنىڭ ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنىي مەلۇماتلىرىنى ئۆگىنىش ئارمىنى ئاقسۇ، كۇچا ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە 2008-يىلى يەنى 15 ياش ۋاقتىدا گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان.

ئۇ لەنجۇدىكى ئىسلام نامىدا ئېچىلغان مەكتەپلەرنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېچىلغانلىقى ھەمدە خىتايدىكى مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، ئەمما ئۇ 20 نەچچە مەكتەپكە ئوقۇش ئىلتىماسى سۇنغان بولسىمۇ، ھېچ بىرىگە قوبۇل قىلىنمىغان.

مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ مەكتەپلەردە خىتايدىكى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان پەرزەنتى ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى ، پەقەتلا  ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئۆزۈر بىلەن بايان قىلغان ۋە بۇ ھەقتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن ھۆججەتنى كۆرسەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق، ئارماندا قالغان ياش ئارزۇ نۇرمەھەمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

مەنبە:ئەركىن اسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*