تۈركىيەدە ئىستىقامەتتە ياشاۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر دىنىي ئالىم، جامائەت ئەربابى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 22-دېكابىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇمنى چوڭقۇر ياد ئەتتى. شۇ قاتاردا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ 30-دېكابىر كۈنى جەم بولۇپ، مەرھۇمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ئۆتكۈزدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋا پائالىيەتلىرىدە ھارماس سىياسىي پائالىيەتچى ۋە ۋائىز سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرى ئۈچۈن بۇنىڭ بىر زور يوقىتىش بولغانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ھەرقايسى مەملىكەتلەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى مەرھۇمغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىپادىلىدى. شۇ قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 30-ئۆكتەبىر كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ۋاشىنگىتون شەھىرىگە يېقىن ئەزھەر جامەسىدە مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ئۆتكۈزدى.
مەنبە:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment