ئىستانبۇلدىكى بىر كىچىلىك كۇلۇبتا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى، خەلقئارا جەمىيەت ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﺯﻣﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍ 1-ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ھۇجۇم ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ, ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ 1-ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ, ﯞﻩﻗﻪﺩﻩ تەخمىنەن 39 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﯜﭖ, 65 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ﯞﻩﻗﻪ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ, ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺑﻪﺵ ,ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯜﺯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘ ﺑﻪﺯﻣﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

تۈركىيە رادىئو تىلىۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا بەزى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ تۆۋەندىكىدەك  بايانات ئىلان قىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ، ئېھتىياج بولۇپ قالسا، تۈركىيە دائىرىلىرىگە كېرەكلىك ياردەمنى بېرىش توغرىسىدا ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا يوليورۇق چۈشۈردى.

ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتچىسى نېد پرايسمۇ بايانات بېرىپ ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىستانبۇلدىكى قورقۇنچ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئەيىبلەيدۇ» دېدى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ ناتو ئەزاسى ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە بىلەن ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى. كىرېملىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا پۇتىن تېلېگراممىسىدا، «يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىنمۇ يامان بىر جىنايەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەسى مۈشكۈل. ئەمما، ئىنسانىي ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلار تېررورچىلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي يات بىر ئۇقۇم. ئورتاق ۋەزىپىمىز تېررورىست ھۇجۇمچىلارغا قەتئىي شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشتۇر» دېدى ۋە رۇسىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ئىشەنچلىك بىر شېرىكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە باش مىنىستىر دىمىترى مېدۋېدېۋمۇ باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە ۋە ھەمكارلىق تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇ، رۇسىيەنىڭ قەيەردىن كېلىشىدىن قەتئىينەزەر تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى كۈچلۈك رەۋىشتە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىلدىرىم بىلەن مېدۋېدېۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ رايوندا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كېلىشىنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، بۇ ھۇجۇملارغا قارىماي ئىككى دۆلەتنىڭ رايوندا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجىمۇ تەزىيە  بىلدۈرۈش ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش تېلېگراممىسىدا، «كېچىلىك كۇلۇبتا بىگۇناھ كىشىلەرگە قىلىنغان شەپقەتسىزلەرچە ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ ئازابلىرىنى ئورتاقلىشىمىز، تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋمۇ، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللىدى؛ ھۇجۇمنىڭ ئەزەربەيجاننى چوڭقۇر قايغۇغا سالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلىيېۋ، تېررورچىلارغا قارشى ئەڭ قاتتىق ۋە قەتئىي كۈرەش قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە تۈرك خەلقىگە ئەزەربەيجان خەلقى ۋە ئۆز نامىدىن تەزىيە بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاندمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھالدا، «فىرانسىيە بۇ ۋەقەدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ بالاغا قارشى كۈرىشىنى رەھىمسىزلەرچە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى؛ مېركېل تېلېگراممىسىدا ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، «تېررورچىلار يەنە بىر قېتىم دۆلىتىڭىزدە ھۇجۇم پەيدا قىلدى. ئىستانبۇلدا يېڭى يىلنى بىرلىكتە تەبرىكلىمەكچى بولغان كىشىلەر، ئىنسانلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغان پەسكەشلەرچە بىر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمەن ۋە سىزگە تەزىيەلىرىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ ئەتىگەن ئوي – خىيالىم قۇربانلار بىلەن، ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرگە» دېدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى؛ تېررورلۇق ۋەقەسى ۋە جاۋابكارلىرىغا قارشى رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا ساھەدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى قەيت قىلغان ئابباس، پەلەستىننىڭ تۈرك دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى رېئۇۋېن رىۋلىنمۇ رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە بايانات بېرىپ، ئىستانبۇل ئورتاكۆيدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن ھالدا، «قەلبىمىز تۈرك خەلقى بىلەن بىرلىكتە. بۇ ھۇجۇم ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىندى. دۇئالىرىمىز يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىلار ۋە يارىلانغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر» دېدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «2017، ئىستانبۇلدا تىراگېدىيەلىك باشلاندى. قەلبىم يېڭى يىلنى تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋە تۈرك خەلقى بىلەن بىرگە» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى 20177 – يىلىنىڭ ئىستانبۇلدا بىر ھۇجۇم بىلەن باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «قەلبىم ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى بىلەن بىرگە. بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كۆچمەنلىك ۋە پۇقرالىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى دىمىترىس ئاۋراموپولوسمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئىستانبۇلدىكى بىگۇناھ كىشىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن ئەندىكىپ كەتتىم. قەلبىم بۇ كېچە تۈركىيە ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگە» دېدى.

ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى مارتىن شۇلىز، «بىر تەبرىكلەش كېچىسى بولۇشى كېرەك ئىدى؛ تېررورچىلار زوراۋانلىق، ئۆلۈم ۋە ئۈمىدسىزلىك كېچىسىگە ئايلاندۇردى. قەلبىم، ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەدە» دەپ بايانات بەرگەن بولسا، ياۋروپا پارلامېنتى تۈركىيە دوكلاتچىسى كاتى پىرى، «بۇ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر خەۋەر. قەلبىم ۋە دۇئالىرىم بۇ كېچە تۈركىيە بىلەن بىرگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدىكى باياناتىدا بولسا، «كۈچلۈك ئەندىكىش ئىچىدىمىز. قايغۇلىرىمىز ئىستانبۇلدىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە» دېيىلدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورس جونسونمۇ رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئوي – پىكرىمىز تۈركىيە بىلەن بىرگىدۇر. تۈرك دوستلىرىمىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىستېفان دىئونمۇ بايانات بېرىپ، «كانادا ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن قورقۇنچ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ ھۇجۇمدا يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيدۇ» دېدى.

ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېباستىيان كۇرزمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئىستانبۇلدا يېڭى بىر يىلغا قورقۇنچ باشلانغۇچ بولدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرىغا سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىدىئېر رېيندېرس، «يېڭى يىل ئىستانبۇلدا قورقۇش بىلەن باشلاندى. قەلبىم ھاياتىدىن ئايرىلغانلار، يېقىن – يورۇقلىرى ۋە تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرگە» دېسە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئىن مارك ئايراۋلت، «قەلبىم بۇ سىمۋوللۇق كېچىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تۈركىيە بىلەن بىرگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى؛ مېكسىكىنىڭ پۇقرالارنى نىشانغا ئالغان بۇ ھۇجۇمنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتىدا، تۈرك خەلقىگە، ھۆكۈمىتىگە ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى، شۇنداقلا مېكسىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

ۋاتىكانمۇ ھۇجۇمنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلىدى. پاپا فرانسىس، ئۈمىد ۋە ياخشى تىلەكلەر تىلىنىدىغان بىر كېچىنىڭ قانغا بويالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈرك خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەگە «پەسكەش ۋە ياۋايىلارچە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدۇر» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى باشلىقى نىھاد ئەۋۋادمۇ بايانات بېرىپ، «قەلبىم ئىستانبۇلدا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى، يېقىنلىرى ۋە يارىلانغانلار بىلەن بىرگە» دېدى.

مەنبە: تۈركىيە ردىئو تىلىۋىزىيە ئىدارىسى خەۋرى

Leave a Comment

*

*