سابىق مىنىستىر ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى كوراي ئايدىن ئەپەندى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەخسۇس مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىپ، تۈرك خەلقىنى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. تۈرك يۇردۇ خابەر تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «15 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە مۇساپىر سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئۇزۇن يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان بىر قېرىندىشىمىز. ياپچان خىتاي تۈرمىسىدىن چىققاندىن كېيىن جاپا-مۇشەققەتلىك بىر سەپەردىن كېيىن 2002-يىلى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن. ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ياپچاننىڭ پېشىنى قويۇپ بەرمىگەن. ھەتتا تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.»
كوراي ئايدىن ئەپەندى باياناتىدا، تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشلۇق ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىشىگە بىنائەن 2003-يىلى ئابدۇلقادىر ياپچاننى سولىغانلىقىنى، خەلقنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر قالغانلىقىنى، 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى مەزگىلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇلقادىر ياپچاننى تۈركىيەنىڭ يوزگات ۋىلايىتىگە پالىغانلىقىنى، 3 ئاي تۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
سابىق مىنىستىر كوراي ئايدىن ئەپەندى باياناتىدا، ياپچاننىڭ پۈتۈن بۇ بېسىم ۋە زۇلۇمغا قارشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، نامايىش، دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا سۆزلەش ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا چىقىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ، باياناتىدا ئەپسۇسكى تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭمۇ جىم تۇرماستىن ئالدى بىلەن ئابدۇلقادىر ياپچان داۋاملىق سۆز قىلىدىغان ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى، ئارقىدىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئابدۇلقادىر ياپچاننى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، تۈركىيە سوتى بىلەن ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوتى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەسلىك توغرىسىدا ھۈكۈم چىقارغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىرغىچە قىرىقلارئېلى ۋىلايىتىدىكى چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇتۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
سابىق مىنىستىر ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى كوراي ئايدىن ئەپەندى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئابدۇلقادىر ياپچان توغرىسىدا بايان قىلغان باياناتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «ئاي يۇلتۇزلۇق تۈرك بايرىقىغا پاناھلانغان كۆك بايراق سەۋداسى قېرىندىشىمىز ئابدۇلقادىر ياپچان خىتايغا قايتۇرۇلمىسۇن. تۈرك دۇنياسىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى پۈتۈن سىياسىي پارتىيەلەرنى، تۈرك جامائەتچىلىكىنى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمەن.»
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، باياناتتىمۇ بايان قىلىنغاندەك، خىتاي تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ تۈركىيەگە بەرگەن ئىسپاتلىرى يىتەرسىز بولغاچقا، تۈركىيە سوتىدىن ھۈكۈمنامە چىققان ئىدى. ياۋروپا پارلامېنتىمۇ ئابدۇلقادىر ياپچاننى خىتاي باشلىق ھېچقانداق بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۈكۈم چىقارغان ئىدى. بۇنداق تۇرۇغلۇق، تۇتۇپ تۇرۇلۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلەرمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇلار، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە بۇنداق بىر باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ياپچان مەسىلىسىنىڭ قانۇنىي مەسىلە ئەمەس، سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ خىل باياناتلارنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى يول ماڭسا ياپچاننى بالدۇر قويىۋېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆتكەن ئاي جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن ئەپەندىمۇ ئابدۇلقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
Leave a Comment