قوشماق تۇغقان تەشۋىقاتى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا نارازىلىق قوزغىدى

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تىبەتتىن يۆتكەپ كېلىنگەن يېڭى سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» چاقىرىقى ۋە بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا نارازىلىق ئىنكاسلىرى قوزغىغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرچە، خىتايچە ئۈندىدار توپلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە، نۆۋەتتە مەيلى خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر كادىرلار بولسۇن«قوشماق تۇغقان» بولۇش سىياسىي سېلىقىنىڭ كىشىلەرگە قۇلايسىزلىق ۋە بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى يۇمۇرىستىك، كىنايىلىك، ھەتتا ئاشكارا نارازىلىق ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىشكە باشلىغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بۇ خىل سۈنئىي ئىناقلىقنىڭ رايوندا تىنچلىق ئەمەس، ئەكسىچە نارازىلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدار چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن 9-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدا «قوشماق تۇغقان بولۇش»ھەرىكىتىنى قوزغىدى. مەزكۇر ھەرىكەت ھەققىدىكى تەشەببۇستا، ھەر بىر خىتاي كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن ئۇيغۇر تۇغقىنى بولۇش، ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇشى تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، 2017-يىلى يېڭى يىلدىن كېيىنكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى «قوشماق تۇغقان» دارچىلىق مۇناسىۋىتىدە ئىناقلىق، يېڭى يۈكسىلىش بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كۆپەيدى.

مەسىلەن، خەلق تورىنىڭ 4-، 5-يانۋار كۈنلىرىدىكى سانىدا بېرىلگەن «كۇچا ناھىيەسىدىكى 16 مىڭ پارتىيەلىك كادىر بىر قېتىم تۇغقان بولۇپ، ئۆمۈر بويى رىشتە باغلاشنى ئىشقا ئاشۇردى»، «ئاقسۇ باي ناھىيىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قوشماق تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولدى»، «ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسىدە ئورمانچىلىق ئىدارىسى كادىرلىرى ئۆزلىرى پۇل چىقىرىپ ئىجارە ئالغان ماشىنا بىلەن جام بازىرىنىڭ دۇۋا كەنتى، ئىشلەمچى يېزىسىنىڭ قويچى كەنتىدىكى 53 ئائىلىلىك دېھقاننى ناھىيە بازىرىغا ئەكېلىپ مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزدى»، «يېڭى يىلدا قەشقەرنىڭ پوسكام ناھىيىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش سەنئەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى» دېگەندەك تېمىلاردىكى خەۋەرلەر بېرىلىپ، چېن چۈەنگو تەشەببۇس قىلغان «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىپ، رايوندا مىللەتلەر ئىناق-ئىتتىپاق ۋەزىيەت بەرپا قىلىنغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇلدى.

ئەمما، خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن ئۈندىدار قاتارلىقلاردىكى دوستلار چەمبىرىكى ۋە بەيدۇ، سىننا، تېڭشۈن تورى قاتارلىقلاردىكى ئىنكاس، مۇنازىرىلەردە مەجبۇرىي بەرپا قىلىنىۋاتقان بۇ خىل سۈنئىي ئىناقلىق يۇمۇرىستىك، كىنايىلىك ھەتتا بىۋاسىتە نارازىلىق ئىبارىلىرى ئارقىلىق تەنقىدلەندى.

ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى بىر ئىنكاستا «يېڭى يىلدىكى دەم ئېلىشتا ئۈرۈمچىدىكى دوستلار يىغىلالمىدۇق، چۈنكى ھەممىمىز يېڭى يىلدا يېزىلاردىكى ‹ قوشماق تۇغقان› لىرىمىزنى ئاپتوبۇس ياكى پويىز بېلىتىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ ساياھەت قىلدۇرۇش، ياكى ئائىلە بويىچە بالىلارنىمۇ ئېلىپ قىشنىڭ سوغىدا يېزىلاردىكى ‹ قوشماق تۇغقان›لارنى يوقلاش بىلەن ئۆتكۈزدۇق. ھەر ھالدا ئىدارە بەرگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلىۋالدۇق» دەپ يازغان. بۇنىڭغا جاۋابەن يېزىلغان يەنە بىر ئىنكاستا «بىز ھەر ھالدا ئۇيغۇر بولغاچقا ‹قوشماق تۇغقانلار›نى يوقلاش ۋە كۈتۈۋېلىشتا خەنزۇ خىزمەتداشلىرىمىزدەك جاپا تارتمىدۇق. بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان خەنزۇ خىزمەتدىشىم يېڭى يىلدا خوتەندىن كەلگەن ئۇيغۇر قوشماق تۇغقىنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆيدىكى قازان-قومۇچ، چىنە-قاچا، ئورۇن-كۆرپە ھەممىنى يېڭىلاپتۇ. ئەمما بۇ ئۇيغۇر، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى تاماقنى يىمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، خەنزۇ خىزمەتدىشىم 3 كۈن جەريانىدا ھەر كۈنى قوشماق ئۇيغۇر تۇغقانلىرى بىلەن ئۇيغۇر رېستورانىدا تاماق يەپتۇ. خەنزۇ خىزمەتدىشىم چاغاندا خوتەنگە بېرىپ بۇ ئۇيغۇرنى يوقلايدىغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن، ئۇيغۇر ئۇنىڭغا ئاۋارە بولۇپ خوتەنگە يوقلاپ بارمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. خەنزۇ خىزمەتدىشىم ماڭا، ئۇيغۇر قوشماق تۇغقىنىنىڭ جاۋابىدىن خوش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېشىمدىكى ئېغىر غەمدىن قۇتۇلدۇم. ئەسلى خوتەنگە بارساق، مېھمانخانىدا ياتايلىمىكىن دېگەن ئىدۇق دەيدۇ» دەپ يازغان.

ئۈندىدار تورىدىكى يەنە بىر ئىنكاستا «قارىغاندا بۇ يىل چاغان راسا قىزىيدىغان بولدى ‹قوشماق تۇغقانلار› ئۆز-ئارا يوقلىشىپ، بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ، گازىر چېقىپ، چاغاننى كۈتۈۋالغۇدەكمىز، بېشىمىزغا بۇ كۈنلەرمۇ كەلدى….» دېگەن كىنايىلىك ئىنكاسنى يازغان.

خىتايچە سىننا تورىدىكى بىر ئىنكاستا «ھازىر شىنجاڭدا قوشماق تۇغقان بولۇش تەشەببۇس قىلىنىۋېتىپتۇ. ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان نەۋرە ئاكام بۇ يىل چاغاندا خوتەندىكى ئۇيغۇر قوشماق تۇغقىنىنى ئۆيىگە كېلىشكە تەكلىپ قىپتۇ. نەۋرە ئاكامنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقىنى، مۇسۇلمانچە تاماق يەيدىغان ئۇيغۇر قوشماق تۇغقىنىنى قانداق كۈتۈۋېلىش ئىكەن. مەن بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ دەپ سورىسام، نەۋرە ئاكام، ھازىر ئىدارىدىكى ھەممەيلەننىڭ يېزىلاردا بىردىن ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەتلەردىن بولغان تۇغقانلىرىمىز بار. بۇ سىياسىي ۋەزىپە، دېدى. ئەمما،بۇ ئىش مېنىڭ ئەقلىمدىن ئۆتمىدى. مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق سۈنئىيلىكنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟!» دەپ يازغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن «خىتايدا ئۆزگىرىش» تورىنىڭ ساھىبى ساۋ ياشۆ خانىم ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل ‹قوشماق تۇغقان› ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى «ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان‹ قوشماق تۇغقان ھەرىكىتى» ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ئارزۇ قىلغان ئىناق ۋەزىيەتنى يارىتالمايدۇ، ئەكسىچە نارازىلىقنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئېتىقادى ۋە ئۆرپ‏-ئادەت جەھەتتە خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ئاھالىلەر ئەلۋەتتە ئۆز دىنىغا ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە يات بولغان بىرىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىش ياكى ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە غىزالىنىش، بىر ئۆيدە ئۇخلاشنى خالىمايدۇ. ھەتتا ئوخشاش مىللەت، ئوخشاش ئادەتتە ياشايدىغان خىتاي ۋە باشقا مىللەتلەردىمۇ يېقىن تونۇش بولمىسا، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولىدىغان، قونۇپ قالىدىغان ئادەت يوق. ھازىرقى جەمئىيەتتە بۇ ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئىنسان ئەخلاقى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى نۆۋەتتە مەجبۇرىي ھالدا بۇ خىل سۈنئىي ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئەكسىچە رايوندىكى نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئىلگىرى تىبەتتە ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغانلىقى ئىسپاتلانغان ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشەببۇسى ۋە «قوشماق تۇغقان بولۇش› ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا چېن چۈەنگو تىبەت ئاپوتونوم رايونىدا ئەمەلدار بولغان مەزگىلدە تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى نەقىل ئېلىپ، چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان «قوشماق تۇغقان، مىللىي ئىتتىپاقلىق، بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش» ھەرىكىتىنى دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ ‏-ئادىتى خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىشى، رايوندا مۇقىم ۋەزىيەت ئەمەس، ئەكسىچە ئەسلىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك نارازىلىق كەيپىياتىنى قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تېخىمۇ شىددەتلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەنبە:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*