ئۇيغۇر دىيارىدا 1930-يىللاردىكى مىللىي ئاقارتىش ھەرىكىتى مەزگىلىدە نوپۇسى نىسبەتەن زىچ، قەدىمدىن بۇيان سودا-تىجارەت ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن رايونلاردا ئەڭ بالدۇرقى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم.
كېيىنكى مەزگىللەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر مانا مۇشۇ ئاساستا قۇرۇلۇپ، شۇ رايوننىڭ مائارىپ-مەدەنىيەت تەرەققىياتى ھەمدە ئاۋامنىڭ كوللېكتىپ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇپ، ناھىيەدىن تۆۋەن دەرىجىلىك يېزا-بازارلاردىكى ئەسلىدىن بار بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرغان. ھەتتا نوپۇسى 10-15 مىڭدىن ئاشىدىغان، ئەزەلدىن شۇ رايوندىكى سودا-تىجارەت ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن يېزا-بازارلاردىكى داڭلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرمۇ تاقىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئاتا-ئانا مېھرىدىن ئايرىلىپ، شەھەرلەردىكى مەركىزىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان.
ئۇنداقتا، «مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇلۇۋاتقان» تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
قۇمۇل بوستانلىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىر كېلىدىغان قارادۆۋە يېزىسى قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى مەشھۇر يېزىلاردىن بىرى. مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى بۇ يەردىكى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇمۇل شەھىرىگە بېرىپ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. دەرىجىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چۈشۈرۈلگەن قارادۆۋە ئوتتۇرا مەكتىپى بىرقانچە يىللىق «مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» جەريانىدا «ياغلىق سالغان بىرمۇ ئوقۇغۇچى بولماسلىق» ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلگەن ئىكەن.
قاراقاش ناھىيەسى خوتەن ۋىلايىتىدىكى نوپۇسى زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى ناھىيەلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ يېزا-بازارلىرىدا ئەزەلدىن بار بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ناھىيە مەركىزىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن. قاراقاشتىكى مەلۇم يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر نەپەر خادىمى «مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» داۋامىدا مەكتەپنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن 24 سائەت كۆزەتتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېرىيە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر مەسئۇل خادىمىمۇ، مەكتەپلەرنى «مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەيلى ئوقۇش مەۋسۇمىدا بولسۇن ياكى تەتىللەردە بولسۇن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر سەيشەنبە كۈنى مەكتەپكە تولۇق يىغىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر ھەپتىلىك ئائىلىدىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى، ھەر جۈمە كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جۈمە نامىزىغا كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەكتەپلەرنى «مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر يېزا-بازارلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، ئۇلارنىڭ رايوندىكى مىللىي مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى، دەپ كۆرسەتتى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment