قازاقىستان ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن بۇيان باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش، مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. بولۇپمۇ كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە مىللىي سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە ھەر خىل سەنئەت ئۆمەكلىرى تەشكىللىنىپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يېزىلاردا ئۆز ھۈنەرلىرىنى مىڭلىغان تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
«دوپپالايف ياشلار تورى»، «پەرۋاز ئۇيغۇر ئىجادكارلار بىرلەشمىسى»، «قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى»، «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى»، «ئالماتا شەھىرى ئوقۇغۇچىلار سارىيى» ۋە باشقىلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن يېقىندا ئوقۇغۇچىلار سارىيىدا ئۆتكەن «دولان» ئۇيغۇر ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ دوكلات كونسېرتى شۇنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتىدۇر. ئۇنىڭغا پەقەت ئالماتا شەھىرىلا ئەمەس، بەلكى ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەردىنمۇ كۆپلىگەن تاماشىبىنلار كەلدى.
بىز مەزكۇر «دولان» ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى بەختىيار ئىمراننى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئانسامبىلنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم ئۇنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹دولان› ئانسامبىلى 2016-يىلى 16-مايدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ‹ياڭرا، ناخشام› كونسېرتى بىلەن دەسلەپ سەھنىگە چىقتى. ئانسامبىل ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، ‹دوپپالايف› ياشلار تور بېتى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان ھەر قانداق جەمئىيەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئۇ شۇنداقلا ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئېتنو فېستىۋاللىرىنىڭ، خەيرخاھلىق ئىشلىرىنىڭ تۇراقلىق قاتناشقۇچىسى. ‹دولان› ئانسامبىلى شەھەرلىك، ناھىيىلىك، جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىلەردە ئۆز كۈچىنى سىناپ، ماھارىتىنى نامايىش قىلماقتا. ئانسامبىلىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكى پەقەت ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىدىكى يۆنىلىشى، ساۋاقلار پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدۇ. ئانسامبىلدا ياش گۆدەكلەرنىڭ باي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنىڭ تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇشىغا بار مۇمكىنچىلىكلەر يارىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.»
ب. ئىمراننىڭ ئېيتىشىچە، ‹دولان› ئانسامبىلى بۇ يىلى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يېزىلارنى زىيارەت قىلىش ھەم ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى تەرغىب قىلىش بويىچە پىلانلارنى قۇرماقتا ئىكەن. مەزكۇر سەنئەت ئۆمىكى شۇنداقلا تالانتلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى تاللاش، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش مەقسەدلىرىنىمۇ قويماقتا.
بەختىيار ئىمران ئۆزىنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى بېسىپ ئۆتكەن يوللىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شەخسەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسسۇلغا كىرگىنىمگە بەش يىل بولدى. مەن دەسلەپتە ‹ئارزۇ› ئانسامبىلىدا ئۇسسۇل ئوينىدىم. ئۇ يەردىن ‹ئىرادە› ئۇسسۇل ئانسامبىلىغا تەكلىپ قىلىندىم. 2011-يىلى بولسا، ئانا ۋەتەنگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدىم. ئۇ يەردە ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنى ئۆگەندىم. ئۇ يەردىن كېلىپ، ‹ئىرادە› بىلەن بىر-ئىككى يىل ئىشلەپ، ئىشىم باھالىنىپ، ئۇيغۇر تىياتىرىغا تەكلىپ قىلىندىم.»
«دولان» ئۇسسۇل ئانسامبىلى قۇرغۇچىلىرىنىڭ يەنە بىرى، ئۇسسۇلچى ھەم بەدىئىي رەھبەرنىڭ ياردەمچىسى گۈزەل روزىيېۋا مەزكۇر كونسېرتقا قانداق تەييارلىقلار بىلەن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، شۇنداق چوڭقۇر مەنالىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە، ماكان-جايىغا باغلىق كىيىنىشىنى، ئۇسسۇللىرى ۋە ئۇسسۇل تارىخىنى كۆرسىتىدىغان كونسېرتنى خەلق ھۇزۇرىغا ھاۋالە قىلىش ئاسان ئەمەس. كۆپ ئويلاندۇق، ئىزدەندۇق، مەشىق قىلدۇق، تىنماي ئىشلىدۇق. نەتىجىدە مۇخلىسلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىنى، بەھرىمەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈرىكىمىز جايىغا چۈشتى. كونسېرتقا چوڭلار توپى ۋە ئۈچ گۆدەكلەر توپى قاتناشتى. ئۇلاردىن تاشقىرى، مېھمانلىرىمىز قاتنىشىپ، ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆرسەتتى.»
گۈزەل روزىيېۋانىڭ پىكرىچە، ئانسامبىل ئەزالىرى كېلەچەكتە ھەر قايسى ئۆز كەسپىنى تاللاپ، تۈرلۈك ساھەلەردە ئىشلەيدىغان بولسىمۇ، ئامما كىچىكىدىن مىللىي سەنئەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ئۇلار ئەنە شۇ شوخ، نازۇك ۋە ئەۋرىشىم ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى. مەزكۇر كونسېرتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتۈشى، بىرىنچىدىن، ئۇسسۇلچىلارنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىدىن، ھەر قايسىنىڭ تۇغما تالانتىدىن، تىرىشچانلىقىدىن بولغان بولسا، ئىككىنچىدىن، بۇ بەختىيار ئىمراننىڭ ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
گۈزەل روزىيېۋا سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «شەخسەن ئۆزۈمنىڭ خۇشاللىقى چەكسىز. چۈنكى مۇشۇ كونسېرتقا مېنىڭ ئىككى پەرزەنتىم قاتناشتى. ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۇسسۇلىغا قىزىقىشى، ئەلۋەتتە، مېنى ئانا رېتىدە بەختلىك قىلىدۇ. چۈنكى، مۇشۇنداق كىچىك بالىلىرىمىز بىزنىڭ سەنئىتىمىزنىڭ كېلەچىكى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر «دەرۋىشلەر»، «دىيار»، «نۇر» ناخشا-ساز ئانسامبىللىرى، «رۇخسارە»، «ئىرادە» ئۇسسۇل ئانسامبىللىرى، شۇنداقلا «غۇنچە» بالىلار تىياتىرى، «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزى، شەھەر ھەم ناھىيەلەردىكى باشقىمۇ كۆپلىگەن سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى پەقەت مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ كۆپچىلىككە ياخشى تونۇش.
مەنبە: ئەركىن ئاسيا رادىئوسى
Leave a Comment