25-يانۋار ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەربابلىرى قوبۇل قىلدى.
23-يانۋاردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى بۈگۈن ياۋروپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەلمار بروك ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى ۋېرونىكا فۇھىرمان، پارلامېنت ئەزاسى، مۇھىت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كوللىن لاڭېس ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى، پارلامېنت ئەزاسى، لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى، ئىجتىمائىي ئەركىنلىك ۋە ئادالەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گىرىسبېك خانىم ھەمدە پارلامېنتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە 2 مۇھىم ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى قوبۇل قىلدى. بۈگۈن كەچتە يەنە ئىككى ئورگاننىڭ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەتلەر بولماقچى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتى تېخىمۇ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ھەمدە قۇرۇلتاي پروگرامما ياردەمچىسى، ئۇ ن پ ئو ئەزاسى لۇسىيا خانىملارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ بىر كۈندىكى سۆھبەتلەردىن ھاسىل قىلغان تەسىراتلىرىنى ئالدۇق.
لۇسىيا خانىم بۈگۈنكى پائالىيەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلاردا بولدى. مەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردا ئۇيغۇر مەسىلىگە بولغان قىزىقىش كۈچىيىۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلىنىپتۇ ۋە ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋېتىپتۇ. مەنچە ئۇلار بىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا تېخىمۇ ھازىرلىنىپتۇ.»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment