ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا 2017-يىللىق قىشلىق تەتىلدىن ئىلگىرى دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىگە دائىر 7 ماددىلىق بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىشلىق تەتىلدىن ئىلگىرى ئېچىلغان يىغىندا ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس پىلانلىرى ۋە ھەر سائەتلىك دەرس مەزمۇنلىرى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلۇپ،، ئوقۇغۇچىلارغا دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر ئوقۇتقۇچىلارنى بىئارام قىلغان.
رادىيومىز ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىن ئىلگىرى ھەرقايسى ئىنستىتۇت، فاكۇلتېتلاردا ئېچىلغان سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنلىرىدا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ 7 نى چەكلەش نىزامنامىسى» نىڭ مەزمۇنلىرىنى ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
دائىرىلەر ئېلان قىلغان 7 ماددىلىق بەلگىلىمىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپلەردىكى مەمۇرى خىزمەتچىلەرگە قارىتىلغان قىسمىدا، دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشۋىق قىلماسلىق، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپلەرنى قىلماسلىق، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىدە بولماسلىق، خۇراپاتلىقنى تەشۋىق قىلماسلىق تەلەپ قىلىنغان.
ئۆز كىملىكى ۋە ئاۋازىنى بەرمەسلىك شەرتى ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا سىياسىي ۋە روھى بېسىمنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئوقۇتقۇچى مۇنداق دېدى: «ھازىر بىزگە ئوخشاش ئەدەبىيات، تارىخ، فولكلور، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرىنى بېرىدىغان ۋە بۇ خىل تەتقىقاتلارنى قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسىي تەلەپ كۈچەيدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىڭ روھى يۈكلىرىمۇ بارغانچە ئېغىرلاشتى. ئۆتكەن چارشەنبە ئېچىلغان سىياسىي ئۆگىنىشتە قىشلىق تەتىلدىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس پىلانى ۋە كانسىپىكلىرى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىغىۋېلىندى. ئەگەر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىقىدا دىنىي ئېتىقاد تەشەببۇس قىلىنغان، مىللىي ئىتتىپاقلىققا زىيان يېتىدىغان مەزمۇنلار بايقالسا، ئۇ ئوقۇتقۇچى جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى.»
7 ماددىلىق بەلگىلىمىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى بىئارام قىلىۋاتقان ۋە ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردا دەرسلىرىمىز مەزمۇنىغا قويۇلغان سىياسىي تەلەپلەر بارغانچە كۈچەيدى. ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى مۇھىم تارىخى ۋەقەلەر، دىنىي ئېتىقادلار ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر فولكلورى، شىنجاڭ تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈش ھازىر 90-يىللار، ھەتتا 2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكىدىن تەسلەشتى، چۈنكى ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭ شېئىر-نەزمىلىرىدە، ماقالە، ئەسەرلىرىدە، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ۋەقەلەرنى سۆزلىگەن چېغىمىزدا تەبىئىي ھالدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەرنى سۆزلەش-چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئەمما ھازىر، دەرس تەييارلىقىمىزدىكى دىنىي ئېتىقادقا ئائىت مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەشكە چەكلىمىلەر قويۇلۇۋاتىدۇ. ئەگەر 7 ماددىلىق بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە دەرس تەييارلىقى ئېلىپ بارساق، ئۇ چاغدا نۇرغۇن مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەك، سىنىپتا دەرس سۆزلىگەندىمۇ دەرسخانىدا سۆزلىگەن ھەر بىر ئېغىز سۆزىمىزگە جاۋابكار بولۇشىمىز كېرەك. مانا بۇ مەسىلىلەر بىزگە ئوخشاش ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى ئۆتىدىغان ۋە بۇ ساھادە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلارنى بىئارام قىلىۋاتقان، ئەندىشە سېلىۋاتقان مەسىلە.»
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى، گېرمانىيەدە ئولتۇراقلىشىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەكتەپتە ئۇزۇن تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئەپەندى، دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم مەخسۇس 7 ماددىلىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ ئوقۇتقۇچىلاردىن بەلگىلىمىدىكى ماددىلارغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشى ۋە دەرس مەزمۇنىدا بۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەزمۇنلار بايقالسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېغىر سىياسىي ۋە روھى بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»
ئابدۇۋەلى ئەپەندى يەنە، دائىرىلەرنىڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ئوچىقى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پروفېسسور، تەتقىقاتچىلارغا ئىلىم قانۇنى ۋە مائارىپ تەتقىقاتىغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان، بۇنداق ئېغىر سىياسىي تەلەپ، روھى بېسىملارنى يۈرگۈزۈشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى بىلىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر ۋاقىت مۇقىملىق، ئەمىنلىكنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، «قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى چەكلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت، ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment