ئىستانبۇلدا ئىككى ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن توسۇپ قېلىندى

ئىككى ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن توسۇپ قېلىندى.

30- يانۋار دۈشەنبە كۈنى كېچە سائەت 12 ئەتراپلىرىدا ئجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ جىددى ئاۋازلىق مۇراجىئەتنامىسى تارقالغان بولۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئىنتايىن جىددىيلەشتۈرگەن.

بۇ مۇراجىئەتنامىنى چىقارغان ئۇيغۇر ئايال، تۆت-بەش كۈن ئىلگىرى ئنىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ زەيتىنبۇرنۇ ساقچىخانىسىغا ئېلىپ كىتىلگەنلىكى، بۈگۈن دۈشەنبە كەچتە ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن  ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرۇدرومىغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، ئىمكانىيتىدە بار بولغان قېرىنداشلارنىڭ يارىدەمدە بولىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ مۇراجىئەتنامە ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى ھەر قايسى توپلاردا كەڭرى تارقالغاندىن كىيىن، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان جەمىيەت مەسئۇللىرى بۇنىڭغا جىددى قاراپ، كېچىنى كېچە دىمەي بۇنىڭ ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتكەن.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدىنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى رەئىسى سىيت تۈمتۈرك قاتارلىق مەسئۇللار تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مېنىستىرلىكى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن جىددى تۈردە ئالاقە قىلىپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەرىپ قىلغان.

نەتىجىدە خىتايغا قايتۇرۇۋىتىش ئۈچۈن ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىقىلغان بۇ ئىككى ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن ئايرۇپىلاندىن چۈشۈرۈلۈپ، زەنتىنبۇرنۇ ساقچىخانىغا ئېلىپ كىلىنگەن ۋە بۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

مەنبە:  ئىستىقلال خەۋەرلىرى

Leave a Comment

*

*