2017-يىللىق خىتاينىڭ باھار بايرىمى سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلانغان «تەڭرىتاغدىكى مۇھەببەت» ناملىق ئىتوت ھەققىدە خىتاي ئاخباراتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ئەكس ئەتكەن، دەپ كۆپلەپ ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، كۆپتۈرۈپ تەشۋىق ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدا تونۇلغان ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇھەررىرى ئەنۋەر ئابدۇرەھىم ئەپەندى بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئىتوت توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بەزى بىر تەنقىدى قاراشلىرىنى بايان قىلغان.
ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرەھىم ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شۇنداقلا ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلگەن.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرەھىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پروگراممىسىدا بولسۇن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment