ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2-ئاينىڭ 3-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ تۈركيىدىكى، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، چېچەن مۇساپىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە تۈركىيىنىڭ ئۇلارنى كەلگەن يۇرتلىرىغا قايتۇرماسلىقى چاقىرىق قىلىندى.

خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇغۇر يىلدىرىم: «ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى جىنايەتچىسىنىڭ تۇتۇلۇشى جەريانىدا، چېچەن ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرىدى، جەمئىيىتىمىزگە بۇ ھەقتە كېلىۋاتقان ئەرز-شىكايەتلەر ھەر كۈنى ئېشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇغۇر يىلدىرىم جەمئىيەتنىڭ فاتىھ رايونىدىكى مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيەگە پاناھلىنىش مەقسىتىدە كەلگەن چېچەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتكە قىلىۋاتقان ئەرز-شىكايەتلىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ جەمئىيەتكە ئەزا خالىسانە ئادۋوكاتلارنىڭ ساقچىخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۆزبېك، چېچەن ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «مۇھىم بولغىنى، يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋېتىش توختىتىلىشى كېرەك. بىر كىشىنىڭ خاتا ھالدا قايتۇرۇۋېتىلىشى، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئوخشاش. قايتۇرۇۋېتىش-ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان خاتا يول ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدە پاناھلانغان بۇ بىچارە كىشىلەرنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار» دېگەن.

بىر قانچە كۈندىن بېرى، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى بىر ئاشخانىدا قولغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر ئاتاتۈرك ئايرودرمىدا قايتۇرۇۋېتىلىش پەيتىدە، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە قايتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىپ قالغان ئىدى.

يېقىندا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، رايونلىرى 52 مىڭ ساقچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈركىيە ھۇزۇر ھەرىكىتى نامىدا يوللارغا توساق قۇرۇپ، كىملىك تەكشۈرۈش، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ساقچىلارنىڭ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى زەيتىنبۇرنۇدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھازىر زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسىدا 8 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمىدى.

ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى مەسىلىھەت كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

2-ئاينىڭ 1-كۈنى چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى نامىدا مەسلىھەت كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ۋەكىلى تىبەت يۈجە تۈرك، شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھان تۇرانلى، ياۋروئاسىيا ۋەخپىدىن ئابدۇجېلىل تۇران قاتارلىق 8 تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.

4 سائەت داۋام قىلغان يىغىندا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە تۇتۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن چارە تېپىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى بۇ يىغىن توغرىسىدا ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*