ئۇيغۇر بوكىس ماھىرلىرى چىمپېيون بولدى

ئۇيغۇر بوكىس ماھىرلىرىدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىلەن ئابدۇسەمەت ئابلەتنىڭ قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2017 – يىلى 1 – فېۋرالدىن 6 – فېۋرالغىچە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «دۇيىشېنكۇ شاباكوفبوكس مۇسابىقىسى»دە، ئۇيغۇر رايونىدىن قاتناشقان ئۇيغۇر بوكىس ماھىرلىرىدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىلەن ئابدۇسەمەت ئابلەت چىمپېيون بولدى.

ئۇيغۇر رايونى بوكس كوماندىسى ئەزالىرىدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىلەن ئابدۇسەمەت ئابلەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا 69 كىلوگىراملىقلار ۋە 91 كىلوگىراملىقلار بويىچە چىمپېيون بولدى.

ئۇيغۇر رايونى بوكس كوماندىسىدىن يەنە، ئابدۇرېھىم 64 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئىككىنچىلىككە،  ئەخمەت ۋە چېن يۈنفا 91 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۈچىنچلىككە ئېرىشتى.

ئۇيغۇر بوكىس ماھىرلىرىدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىلەن ئابدۇسەمەت ئابلەتنىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە چىمپېيون بولۇشى ئۇيغۇر خەلقىنى ئىپتىخارلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

Leave a Comment

*

*