تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرىگە قارىغاندا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى تەستىقلاپ، جاكارلىنىش ئۈچۈن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە ئەۋەتكەن.
بۇ تەكلىپ باش مېنىستىرلىققا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، 16-نچى ئاپرېل ئەتراپىدا ئومۇمى خەلقنىڭ بىلەت تاشلىشىغا قۇيۇلۇپ خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش مەقسىتىدە جاكارلىنىشى ئۈچۈن، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە خەلقىنىڭ 16-ئاپرېلدا ئاساسىي قانۇن ئۈچۈن بېلەت تاشلاش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئافيوندا ئېلان قىلغان باياناتىدا:
«ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى تەستىقلىدى. ئەمدىكى نۆۋەت ئالىي سايلام كومىتېتىدا. ئالىي سايلام كومىتېتى پات ئارىدا 16-ئاپرېلنى مۇۋاپىق دەپ قارىسا، 60 كۈن ئىچىدە خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنى ئېلان قىلىدۇ» دېگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، قانۇن تەكلىپى خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەھۋالدا، پارلامېنت ئەزاسى 550 دىن 600 گە چىقىرىلىپ، پارلامنېت ئەزالىقىغا سايلىنىش يېشى 25 تىن 18 گە چۈشۈرۈلىدىكەن. جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن، شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىسنىڭ پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنمايدىكەن.
مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى
Leave a Comment