خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرنىڭ ھېسداشلىقىدىن يېراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ مەغلۇپ بۇلۇپ كەلگەن ئىدى.
راينا ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئالغان مەنپىئەتى
ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر ساناپ تۈگەتكۈسىز بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ يوقىتىش ئۈچۈن ھەركۈنى ئوخشىمىغان يېڭى سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بىر قانچە يىل ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ياخشىچاق كۆرۈنگەندەك قىلىپ ئارقىدىن پالتا چېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدەك نوپۇزلۇق تەشكىلاتلار ۋە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تەنقىدلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن پاسپورت بېرىدىغانلىقى ۋە بەرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قۇرۇق سوسكا سېلىپ كىچىك بالىنى گۆللىگەندەك گۆللەپ قويغان. خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرگەن پاسپورت بېرىش تەشۋىقاتلىرى بۇيىچە ئېلىپ ئېيتقىنىمىزدا، ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بەرگەن. ئەمما بۇ يوق دېيەرلىك ساناقلىق كىشىلەرگىلا بېرىلگەن. پاسپورت بېرىلگەنلەر بولسىمۇ دىنىي چۈشەنچىسى، سىياسىي ئېڭى تۆۋەن، ئائىلىسىدىن سىياسىي بۇلۇپ چەتئەلگە چىقىپ كەتمىگەنلەرگە بېرىلگەن. چەتئەلدە ئورۇق تۇققانلىرى بارلارغا ئېھتىياتسىزلىقتىن بېرىلىپ سالغان بولسىمۇ، ئارىدىن ئۇزۇنغا قالماي پاسسپورتى قايتۇرۋېلىنغان. پاسپورت ئالالمىغانلار بولسا ھەرخىل قانونسىز يوللار بىلەن تايلاند، ئالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن تۈرك خەلقى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ خىتاينىڭمۇ كۆزى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە تىكىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىدىغانلارغىمۇ يول ئېچىلغان بولدى. خۇددى ئېگە چاقىسىز نەرسىلەرنى تالىشىدىغانلار كۆپ بولغاندەك ئېگە چاقىسىز ئۇيغۇرلارنى تالىشىپ ئۆزىگە قېتىۋالىدىغانلار ئۈچۈن پۇرسەت تۇغۇلدى.
تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ نەچچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلمىغان يالغانچىلىق بۆھتانلىرى قالمىغان بىر پەيتتە، يېڭى يىل باشلىنىش كېچىسى ئىستانبۇلنىڭ ئورتاكۆيدىكى راينا دېسكوخانىسىدا قاتتىق بىر قېتىملىق قەتلىئام يۈز بەردى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا بەزى ئاخبارات ئورۇنلىرى مەزكۇر ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ئافغان، چېچەن ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر دەپ بىلجىرلاشقا باشلىدى.
ۋەقە يۈز بېرىپ 17- كۈنى ۋەقە سادىر قىلغۇچى تۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋەقە ئۆزى بىلەنلا تۈگىمەي يەنە شۇ ئېگە چاقىسىز ئۇيغۇرغا چېتىلدى. ۋەقە سادىر قىلغۇچى تۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئىقرارلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن ئىلگىرى ساختا ئۇيغۇر كىملىكى ئىشلەتكەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى، ۋەقە سادىر قىلىپ بولۇپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ زەيتىنبۇرنۇدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا بېرىپ ئاشخانىدا ئىشلەيدىغانلاردىن پۇل ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاخباراتلاردا ئۇيغۇرنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، قاتىلنىڭ ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا بارغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن كوممۇنىزىم چۈشەنچىسىدىكى يەنى (بىر ئادەم خاتالىق قىلسا ئۇنى ھەممىسىگە چاتىدىغان) بىرقىسىم تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان كۆز قارىشى بىردىنلا ئۆزگەرگەن (بەلكى ئۇ تۈركلەر ئەزەلدىن ئۇيغۇرنى ياقتۇرمايدىغانلاردىن بۇلۇشى مۇمكىن). قاتىل تۇتۇلغاندىن كېيىن قاتىلغا يانداشلارنى تازىلاش ھەرىكىتىدە 12 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقى، ئۇلاردىن 2 نەپىرى تۇتۇپ قېلىنىپ 10 نەپىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ سىرتىدا قالمىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بەزى تېلېۋىزۇر قاناللىرىدا سۆز قىلغان ئانالىزچىلار، تۈركىيىگە كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ساختا كىملىك ئىشلەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە قاراپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىن زەيتىنبۇرنۇدا تازىلاش ھەرىكىتى باشلىنىپ ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى (ئىقامەت) يوقلاردىن يۈزلەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. تازىلاش ھەرىكىتىدە تۇتۇلغانلاردىن رۇخسىتىڭ يوق دېگەن نام بىلەن ئىككى ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋىپىگە دۈچ كەلگەندىن كېيىن تۈركىيىدىكى جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى.
قىسقارتىپ ئېيتقاندا (راينا) قەتلىئامى خىتاي ئۈچۈن چوڭ بىر غەلبە بولدى. خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرنىڭ ھېسداشلىقىدىن يېراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ مەغلۇپ بۇلۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي تۈركىيىدە تۇنجى قېتىم غەلبە قىلغان بولدى.
مەنبە: شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى
يازغۇچى؛ پىداكار
Leave a Comment