گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن كۈچەيتىلگەن قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى دىققەت قوزغىدى

14-فېۋرال خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن ، دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا نىشانلىق زەربىنى تەكىتلىدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ  ئەمىنلىكىنىڭ  خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ،مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار قاتتىق  جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان  پارتكوم يىغىنىدىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، مۇقىملىق خىزمىتىدە « ئىككى يۈزلىمىلىك قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ۋە كادىرلار ئارىسىدا «4نى ئېنىقلاش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى » ئۇقتۇرۇلدى.
چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ   بۇ خىل  قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ  خىتاي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، رايوننىڭ مۇرەككەپ ۋە مۇقىمسىز  ۋەزىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغان.

17- فېۋرال كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خەلق تورى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا،  جۈمە كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتى  سۆھبەت يىغىنىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 14- فېۋرال خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر  رايونىنىڭ  ئەمىنلىكىنىڭ  خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارغا  قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 17- فېۋرال كۈنىدىكى خەۋەرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغان.   يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدىكى  دۆلەت بىخەتەرلىكى خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى ئۇلاپ ئاڭلىتىلىپ،  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى  ھەر مىللەت كادىرلىرىدىن  رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ئالدىنقى ۋەزىپە قىلىپ،  مەركەزنىڭ يوليورۇق-سىياسەتلىرىنى بىجانىدىل ئىجرا قىلىش  تەلەپ قىلىنغانلىقى، يىغىندا يەنە پۈتكۈل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە  كادىرلار ئارىسىدا « 4 نى ئېنىقلاش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ،  « خىزمەتتە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا ئىككى يۈزلىمىلىك قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى » ئۇقتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 14- فېۋرال خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن، 8 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان  پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىنى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە خىتاي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلە دەپ تەكىتلىشى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قاتار قاتتىق سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشى،  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغاپ قالماستىن، بەلكى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ ئېنگىلىزچە سانىدا ئېلان قىلىنغان « شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتايدا قاتتىق باستۇرۇش تەكىتلەندى» سەرلەۋھەلىك ماقالىدە،  خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېڭى ئەمەلدارى چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلدى.

مەزكۇر ماقالىدە، ئاۋسترالىيە تروبې ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاي ۋەزىيىتى مۇتەخەسسىسى جامېس لېئىبولدنىڭ « چېن بۇلتۇر 9- ئايدا شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ رايوندا يولغا قويغان بىر قاتار قاتتىق سىياسەت، بەلگىلىمىلىرى رايوندا  قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى، جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بۇ دۆلەتكە نازارەت ۋە گۇمان كۈچەيدى» دېگەن  بايانلىرى نەقىل ئېلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان قاتتىق سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر خەۋەر ئانالىزىدا يەنە، جامېس لېئىبولدنىڭ  چېن چۈەنگونىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ  سەۋەبى ھەققىدە ئېيتقان  « چېن چۈەنگونىڭ بۇ خىل قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشتىكى مەقسىتى، بۇ يىل يىل ئاخىرى خىتايدا  ئېچىلىدىغان ۋەكىللەر يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىزمىتى ھەققىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدە چوڭقۇر  تەسىر قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى سەۋەب بولسا كېرەك» دېگەن سۆزلىرىمۇ نەقىل ئېلىنغان.

تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 14- فېۋرال خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ۋە  خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنىدا مەزكۇر ۋەقەنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقىنى تەكىتلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىدىكى مۇھىم  ئىستراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى بەلگىلىشىدىكى ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېڭى ئەمەلدارى چېن چۈەنگو يۆتكىلىپ كەلگەن  قىسقىغىنا  3 ئاي ئىچىدە رايوندا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتى ۋە بىر قاتار بەلگىلىمىلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۇنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش شوئارىنى تەكىتلەپ، قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن بىللە ، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئارىسىدا « 4 نى ئېنىقلاش» نامىدىكى سىياسىي ھەرىكەتنى قوزغاپ، كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە ئۆزىگە بولغان ساداقىتىنى سىناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە يۈرگۈزگەن  رادىكال باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىشىنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى  تەنقىدلىنىۋاتقان شارائىتتا، نېمە ئۈچۈن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ  چېن چۈەنگونىڭ بۇ خىل رادىكال باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق بىر  نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبىدىن، چېن چۈەنگونىڭ  رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قاتار  قاتتىق قول تەدبىرلىرىگە قارىتا سۈكۈت قىلىش ھەتتا  قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*