«جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» غا قاتنىشىۋاتقان خەلقئارالىق 19 تەشكىلات بىرلەشمە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەتنى تارتتى.
«تىبەت ئاۋازى» تورىنىڭ 21-فېۋرالدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك ئۆيى ۋە ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتارلىق 19 خەلقئارالىق تەشكىلات بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنى كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىشقا ھەمدە خىتاينى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇرلاشقا چاقىرغان.
بىرلەشمە مۇراجىئەتنامىدە، ئۆتكەن بىر يىلى خىتايدىكى ناچار كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى كۆرسىتىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەردىن بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 34-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مەسئۇل بولۇشقا مەجبۇرلاشنى ئۈمىد قىلغان.
شىۋېتسارىيەدە ياشايدىغان تىبەت زىيالىيسى تەنزىن خانىم مەزكۇر مۇراجىئەتنامە توغرىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ خىتاي كەبى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بۇ مۇراجىئەتنامىدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەرۋەقە، تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت كۈنسېرى يامانلىشىپ بارماقتا. تىبەتنى مىسالغا ئالساق، بۇ بۇددىست خەلقنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىش ھوقۇقلىرى چەكلىنىۋاتىدۇ، ئاھالىلەر مەجبۇرىي ھالدا كۆچۈرۈلۈۋاتىدۇ، پاسپورتلىرى مۇسادىرە قىلىنىۋاتىدۇ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولۇۋاتىدۇ، قەدىمىي تۇرالغۇلار، ئىبادەتخانىلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى 1959-يىلىدىن بۇيان 2000 دىن ئارتۇق تىبەتلىكنى ئاشكارا ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، ئاتا-ئانىسىدىن ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئوقنىڭ پۇلىنى ۋە داۋالىنىش راسخوتلىرىنى تەلەپ قىلدى. بۇددىزم تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دىن بولغاچقا، خىتايغا بولغان قارشىلىق ئىدىيىسى باش كۆتۈرگەن تىبەتلىكلەر دۈشمىنىنى ئەمەس، ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردى. ھازىرغا قەدەر ئۆزىگە ئوت يېقىپ ئۆلگەن تىبەتلىكلەرنىڭ سانى 145 كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆسمۈرلەرمۇ، ياشانغان كىشىلەرمۇ بار. ئەمما قارشىلىقنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىمۇ خىتايغا تەسىر قىلمىدى. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بۇ بېسىم، بۇ خورلۇقلاردىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز. خىتاي كەبى دېكتاتۇر ھاكىمىيەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەش ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە بۇ كېڭەش ئاشۇ مەقسەتتە قۇرۇلغان.»
19 ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات تەرىپىدىن ھازىرلانغان بۇ مۇراجىئەتنامىدە، ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى ۋە ئەزا دۆلەتلەر پىكىر بايان قىلىپ، خىتايدىن ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ۋە خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى، تۇتقۇندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇلارغا پەرۋا قىلمىغانلىقى، ۋەزىيەتنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكىگە ئوخشاشلىقى ۋە بەلكى بەزى ساھەلەردە تېخىمۇ يامانلاشقانلىقى بايان قىلىنغان.
مۇراجىئەتنامىدە يەنە، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تىبەتتە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە مىساللار بېرىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردىن خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشكە مەجبۇرلاشنى، خىتاينىڭ «ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇنى» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى دەرھال ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قىستاشنى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ھەم دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنى توختىتىشىنى، تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
«دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ب د ت دا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئاۋاز قوشقان بىر تەشكىلات بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ ئاخىرىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەزا دۆلەتلەردىن ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ۋەزىپىسى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى
Leave a Comment