ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى جانلىنىشقا باشلىدى

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى-ئۆزبېكىستان ئاھالىسىنىڭ ئومۇمى سانى 32 مىليونغا يېقىن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇننى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا ئۈچىنچى ئورۇننى ئېگىلەيدۇ. ئۆتكەن يىلقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆزبېكىستان ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئۆزبېكلەر، قالغىنىنى باشقا مىللەت ۋەكىللىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆزبېكىستاندىكى قازاق، قىرغىز، تۈركمەن ئوخشاش تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپ، يېقىنقى 30-40 يىل ئىچىدە رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە ئۇلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاران ئاشىدۇ.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىلىرى ۋە 90-يىللىرى قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، مەشرەپلەر، ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي ئەنئەنىلەرنى، ئۇيغۇر تارىخىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى تەرغىب قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. ئەنە شۇ يۆنىلىشتە ئۇلار قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە دوكتور ئابدۇلجان بەرايىف ۋە ئالىم رابىك ئىسمايىللار ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى دەسلەپ تەشكىللىگەنلەردىن بىرى، تەبىئىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابدۇلجان بەرايېفنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرى ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يېتىلىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ 60-ۋە 80-يىللار ئارىلىقىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن ياشلار تاشكەنت، سەمەرقەند، ئەنجان قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئالغان. پەقەت كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەھۋال ئۆزگەرگەن. بۇ ھەقتە ئا. بەرايېف مۇنداق دېدى: «چېگرىداش رىسپوبلىكىلار مۇستەقىل بولغاندىن، كېيىن كېلىپ-كېتىش ئىشلىرى قېلىپلاشقاندا چەتتىن كېلىش ئىمكانىيەتلىرى بولمىدى. ئاساسەن ئۆزلىرىدە تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ كېلىۋاتقان بالىلار بولدى. بىزنىڭ بالىلىرىمىزدىكى بىرىنچى قىيىنچىلىق ھەممە ئىشلارنى ئۆزبېك تىلىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىنتىلىپ، ھەممە ئىنستىتۇتلاردا ئوقۇۋاتقانلار ناھايىتى ئاز. بىزنىڭ مەركەزنىڭمۇ ئاساسىي مەقسىتى شۇ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا كۈچ چىقىرىش. ئوقۇۋاتقانلاردىن تولۇق خەۋەردار ئەمەسمىز. سەۋەبى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ھەممە يەردە ئېيتىۋەرمەيدۇ.»

ئا. بەرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى قوشۇش ئۈچۈن مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا تەشۋىقات بۆلۈمىنى تەشكىللەش زۆرۈردۇر. ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە، ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەركەزلىرىنى قۇرۇش. ئا. بەرايېف بۇنىڭ بارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇر تىلىدا گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئىلگىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەركىزى بولغان تاشكەنت بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئالاھىدىلىكىنى تامامەن يوقاتقان، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سانىمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەك كېمىيىپ كەتكەن.

ئا. بەرايېف مىللەت كېلەچىكى بولغان ياشلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشى ئۈچۈن سىنىپلارنى، مەكتەپلەرنى ئېچىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق مىللىيلىكنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ياشلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەشرەپلىرى، ياشلار كومىتېتى بار. ياشلار ئۆزلىرى تەشەببۇس قىلىپ ئىشلىنىۋاتقان ئىشلار بار. بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە، قوللاۋاتىمىز. ياشلىرىمىزنىڭ كۆز قارىشىدا ساغلام ھالەتلەر بار. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىمۇ بار.»

ئا. بەرايېف ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنتلەر ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چوڭ ۋىلايەتلەردىن ئەنجان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللىرى بۇ جايغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن ئىدى. چۈنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئەنجان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ، سەنئىتىنىڭ مەركىزى بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەنجان مەسىلىسى ئېغىر مەسىلە، چۈنكى ئۇ يەردە تازا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىدىغان ئىمكانىيەت يوق. ئۇلار ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشنى، سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، خالايدۇ. بۇ يۆنىلىشتە ھازىر مەدەنىيەت مەركىزى ئىشلەۋاتىدۇ. ھاكىمىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى چوڭقۇر كۆز قاراشتا. ھەممە تەرەپتىن ياردەم بېرىشكە تەييار. بىراق ئۆزىمىزدە قۇۋەت يوق.»

ئا. بەرايېف بۇنىڭدىن تاشقىرى ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ دولان يېزىسى، شۇنداقلا سەمەرقەند شەھىرى ھەم ئۇنىڭغا قاراشلىق چېلەك يېزىسى، قاراقالپاقىستاننىڭ نۇكۇس شەھىرى ۋە باشقا يەرلەردىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ بولغانلىقتىن، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ھازىرمۇ ئەنجان ۋىلايىتىدە بىلىم ۋە سەنئەت ئوچاقلىرىنى قايتا قۇرۇش نىيىتىدە بولسىمۇ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ھەتتا سىياسىي توسالغۇلۇقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالىم رابىك ئىسمايىلوفنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايەتلىرى ئارىسىدا سودا، مەدەنىي ئالاقىلەر، بېرىپ-كېلىشلەر قويۇق بولغان. ئۇ ئەنجاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «20-يىللىرى مەشھۇر دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېف ئەنجان ۋىلايىتىدە 200 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇرلار ياشايدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ئۇنى تەستىقلەيدىغان مىسال، نەق شۇ ئەنجان شەھىرىدە ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر تىياتىرى، ئۇيغۇر تېخنىكومى ۋە مىللىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى. ئامما تېگىشلىك ئورگانلار خەلقىمىز سانىنى 50 مىڭدىن ئاشۇرمايدۇ.»

ر. ئىسمايىلوف ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىر-بىرىگە ئۇرۇق-تۇغقان بولۇپ كەلگەنلىكىنى، مەشرەپ، فۇرقەت قاتارلىق ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئۆتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرنىڭ ھەر قانداق بەزمىلىرىدە ئۆزبېك ئاھاڭلىرى ياڭراپ، ئۇسسۇللىرى ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*