ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «سانكىن شىمبۇن» گېزىتىنىڭ 1-مارت كۈندىكى سانىدا «خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىنىڭ ياپونىيەدە كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەپ پەۋقۇلئاددە نارازىلىق بىلدۈردى» دېگەن سەرلەۋھەدە باش ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا كاناگاۋا ئۆلكىسى كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتى ئىشخانىسىغا ئارقا-ئارقىدىن تېلېفون قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۇ يىلى 6-ئايدا كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە پارلامېنت ئەزالىرىغا بەرگەن دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەخىت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ بولسا پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىنىڭ ئىككىنچىلەپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا پارلامېنتتا دوكلات سۆزلىشىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ماقالىدە شۇنداقلا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يىل 2-ئاينىڭ بېشىدا يەنە قايتىدىن كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 14-فېۋرال كۈنىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە پارلامېنت ئەزالىرىغا دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قىستىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بىراق ماقالىدە خىتاي ئەلچىخانىسىدىن كىمنىڭ تېلېفون قىلغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.
گېزىتتە يەنە، كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خىلدىكى بېسىملىرىغا قارشى ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يوللىغان نارازىلىق خېتىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا:«كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىنىڭ توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ نارازىلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىشىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتايغا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان.»
«سانكىن شىمبۇن» گېزىتىدە شۇنداقلا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ، ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن مۇستەقىللىقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىمۇ بىر قىسىم ياپونىيەلىك سىياسىيۇنلارنىڭ قوللىغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلگەن.
مۇخبىر مەزكۇر گېزىتتىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، كاناگاۋا ئۆلكىسى كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتى ئەزاسى ئۇئېخاتا ئەپەندىم بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ:«ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى سىياسىي مەسلىھەتچى ۋاڭ فامىلىلىك خانىم كاماكۇرا شەھەر پارلامېنت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا ۋاكالىتەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۇ يىلى 6-ئايدا كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىدا بەرگەن دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان شۇنداقلا ئۇ، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ھېچقانداق مەسىلىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي تۇپرىقى ئىچىدە بەخىتلىك ياشاۋاتقانلىقىنى، ياپونىيەدىكى پارلامېنتلاردا ئۇلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىغا ئىشەنمەسلىكنى ئېيتىپتۇ» دېگەن.
پارلامېنتى ئەزاسى ئۇئېخاتا خىتاي ئەلچىخانىسىكى ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي دىپلوماتىنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە تېلېفون قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى توغرىسىدا توختىلىپ:«مەن كەسكىنلىك بىلەن ۋاڭ فامىلىلىك خانىمغا شۇنداق دېدىمكى، كاماكۇرا پارلامېنتى ئەلۋەتتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدۇ. سىزنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللار توغرىسىدا ئېيتقانلىرىڭىز پۈتۈنلەي يالغان. بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇنى يەنە 14-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات سۆزلەشكە تەلەپ قىلىشنى قارار قىلدۇق دېدىم» دېگەن.
كاماكۇرا شەھەر پارلامېنت ئەزاسى ئۇئېخاتا ئەپەندىم سۆھبەت جەريانىدا، توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك خانىمنىڭ بۇ يىل 2-ئاينىڭ بېشىدا يەنە شەھەر پارلامېنتىغا تېلېفون قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 14-فېۋرال كۈنىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇش ۋە شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتى ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس قارار ماقۇللاپ، ياپونىيە دۆلەت پارلامېنتىغا بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات يوللاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىغان .
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment