بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا يوللانغان ئىنكاسقا قارىغاندا، يوپۇرغىنىڭ يەكشەنبەبازار يېزىسىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن 17 كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئېغىر ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىنكاستا بىلدۈرۈلۈشىچە، دائىرىلەر ئۆزلىرى ئىش-ئىزلىرىنى گۇمانلىق دەپ قارىغان 17 مۇھاجىرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 20 نەچچە كىشىنى تۇتۇپ سولىۋالغان. دائىرىلەر يەنە، بۇ 17 نەپەر مۇھاجىر ھەققىدە ئەيىبنامە ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، يېزىدىكى ئاھالىلەرنى ئىبرەت ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
مۇخبىرنىڭ يەرلىككە قارىتا تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، 17 نەپەر مۇھاجىر ھەققىدە قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇلغانلىقى، بۇ مۇھاجىرلاردىن بىر نەپىرىنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىنىڭ 40 كۈندىن بېرى يوپۇرغا ناھىيىلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن.
رادىئوغا بىلدۈرۈلگەن مەزكۇر ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئۈستىدىن سۈرەتلىك ئەيىبنامە تارقىتىلغان 17 نەپەر مۇھاجىر ئىچىدە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئىش-ئىزى مەلۇم بولمىغان ھەر ساھە كىشىلىرى بار ئىكەن. بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، يەكشەنبەبازار ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىنغان. ساقچىخانا باشلىقى ئابدۇغېنى راخمان، ئەھۋال ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 17 مۇھاجىر ئائىلىسىنىڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى رەت قىلمىغان. ئۇ بۇ ئىشتا مەسئۇل تەرەپ ئۆزى ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ساقچى ئورۇنلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، يېقىنقى ئىككى ئايدىن بېرى، بۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ساقچىخانىغا چاقىرىتىلىپ، سوراققا تارتىلغان. ساقچىلار سوراق داۋامىدا بۇلاردىن بەزىلىرىنى چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە قىستىسا، بەزىلىرىنى ئائىلە ئەزاسىنىڭ چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە قىستىغان. بۇ سوراق بەزىلەر ئۈچۈن بىر ياكى بىرنەچچە كۈن داۋام قىلسا، بەزىلەر ئۈچۈن ئايلارچە داۋام قىلغان. بىز بۇ 17 مۇھاجىرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەنت مەسئۇللىرىغا تېلېفون قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، قارا تىزىملىكتىكى 17 مۇھاجىردىن 5 نەپىرى 3-كەنت، 3 نەپىرى 7-كەنت ۋە بىر نەپىرى بىرىنچى كەنت ئاھالىسى ئىكەن.
ئىنكاستا يەنە، بۇ 17 نەپەر مۇھاجىرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 20 نەچچە كىشىنىڭ تۇتۇپ سولانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى سوراقتىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، كۆپ قىسمىنىڭ تېىخىچە سولاقتا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. كەنت كادىرلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە پېتىنالمىغان. تېلېفون تەسادىپىي توغرا كەلگەن بىر ئائىلە خانىمى ئۆزىنىڭ بىر ئوغلىنىڭ چەتئەلدە ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن يولدىشى ۋە چوڭ ئوغلىنىڭ 40 كۈندىن بۇيان قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment