2017-يىلى 2-ئاپرېل گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە 1990-يىلى يۈز بەرگەن «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
پائالىيەت گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشتى.
پائالىيەت جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە باشلاندى.
پائالىيەتتە 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى بارىن ۋەقەسىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى ۋە دۇئا قىلىندى.
ئارقىدىن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى «بارىن ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەب-ئامىللىرى، جەريانلىرى ھەققىدە توختىلىپ؛ «بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخى جەھەتتىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى «بارىن ئىنقىلابىنىڭ كىچىككىنە بىر يېزىدىكى ئاددىي ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت پىلانلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددىلىكى ۋە يىلتىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى» نى ئىلگىرى سۈردى شۇنىڭدەك 1997-يىلى، غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى «بارىن ئىنقىلابىنىڭ داۋامى» دەپ ئەسكەرتتى.
پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «بارىن ئىنقىلابى»نىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردىكى تەسىرى، تارىخىي ئەھمىيىتى، ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىدىكى رولى ۋە قىممىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەپسىلىي توختالدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى»نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەسلىدىكى ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتىنىڭ بۇ ئايلىقىنى «بارىن ۋەقەسى»نى خاتىرىلەشكە بېغىشلاشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ئۆز پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «بارىن ئىنقىلابى ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «بارىن ۋەقەسى» 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى قەشقەر شەھىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، تارىخى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت، دىنسىزلاشتۇرۇش، مىللىي كەمسىتىش قاتارلىق سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشقان ۋە 5-ئاپرېل كۈنى تەشكىلات يېتەكچىسى زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئادەم بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەتنى قورشاپ، ئۆزلىرىنى باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە تاكى 6-ئاپرېلغىچە قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە ئاخىرىدا باستۇرۇشقا ئۇچرىغان. ئامان قالغان بىر قىسىم كىشىلەر بارىندىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىشكە ئۇچرىغان. ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر كۆپ ساندا كىشىنى قولغا ئېلىپ، بىر قىسىمنى كۆپ يىللىق تۈرمە جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان، يەنە بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. بارىن ۋەقەسىدە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار بار. ئۇيغۇرلار، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بارىن يېزىسىدا قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ مەنبەلىرىدە چەكلىك سانلىق مەلۇماتلار بېرىلىدۇ.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى، 5-ئاپرېل كۈنى بارىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى
Leave a Comment