پارىژدىكى  خىتاي مۇھاجىرلىرىغا  ئىككى ئېغىز سۆزۈم

(رابىيە قادىر خانىم)

پارىجدا ئۆتكەن ئايدا  بىر ھەپتىگە سوزۇلغان، خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ  پارىژ ساقچى «زوراۋانلىقى»غا قارشى نامايىشى بولۇپ ئۆتتى. مەن فرانسىيەدىكى خىتاي مۇھاجىرلارنىڭ  بۇ قېتىمقى كەڭ -كولەملىك  نامايىشىنى كورۇپ  ئۇلارنىڭ بۇ تەشكىلچانلىقىغا  ۋە بۇ مىللەتپەرۋەرلىككە  ئاپىرىن ئوقۇدۇم، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا، ئۇلاردىكى بۇ تەشكىلچانلىقنىڭ ئىپادىلىنىش ئورنى ۋە شەكلىگە ھەيران قالماي تۇرالمىدىم. مېنى ئەجەپلەندۈرگىنى شۇ:  خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خىتاي ساقچىلىرى ھەر كۇنىگە دېگۇدەك، خىتاي پۇقرالىرىنى ھەقسىز تۇتىۋاتىدۇ، قاماۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تۇرمىلەردە چىرىپ تۇگەۋاتىدۇ،  بوپتۇ، ئىجدىماىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارىلانغانلارنى ۋە خىتاي دائىرىلىرى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلارنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرايلى، پەقەت دۇنياغا تونۇش بىرلا مىسالنى ئالايلى: نوبىل ساھىبى  ليۇ  شاۋبو خىتاي خەلقنىڭ سايلام ھوقۇقى قاتارلىق  ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ   تەكلىپ پىكىر ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۇن، 15 يىللىق كېسىلدى.  ئۇ ساقچىلارغا، پىچاق تەڭلىگىنى يوق، پەقەت  خىتاي خەلقىنىڭ  ئەركىن ۋە ئىززەت ھۆرمىتى بىلەن ياشىشىنى  تەلەپ قىلىپ قەلەم تەۋرەتكەن ۋە  سۆز قىلغانلا  يېرى بار؛  خىتاي خەلقىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر قەھرىمانى 15 يىللىق كېسىلگەندە، دۇنيا مىقياسىدا نارازىلىق نامايىشلىرى بولغاندا پارىجدا 6000 خىتاي يىغىلمىغان ئىدىغۇ؟   ئەجىبا شۇ كۇنلەردە 6000 خىتاي پۇقراسى خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئالدىغا توپلۇنۇپ «بۇ قىلغىنىڭ خاتا بولدى !» دىيەلىدىغۇ؟  خىتاي دولەت باشلىقلىرى فرانسىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىللىرىدە، بۇ خىتاي مۇھاجىرلىرى  ئوزلىرى فرانسىيەدە بەھرىمان بولۇۋاتقان ئەركىنلىكتىن، ھەق-ھوقۇقتىن، قانۇن ئالدىدا باپ-باراۋەر بولۇشتىن، خىتايدىكى بىر مىليارت قېرىندىشىنىڭمۇ بەھرىمان بولۇشى كەرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ نېمە ئۇچۇن  بۇ دەرىجىدە كۆپ ساندا كوچىغا چىقالمىدى؟  پارىجدىكى خىتايلار ليۇ شاۋياۋنىڭ ئۆلۈمىگە پەرۋا قىلماسلىقى كېرەكتى دېمەكچى ئەمەسمەن، ئەمما مۇشۇ ئىتتىپاقلىق، مۇشۇ ئادالەتپەرۋەرلىك ئەجىبا، بىر مىليارد خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىگە چېتىلىدىغان تېخىمۇ چوڭ دېلولالاردا نېمە ئۈچۈن ئىپادىلەنمەي كەلدى؟

مېنى ئەپسۇسلاندۇرغان يەنە بىر نۇقتا، نامايىشقا قاتناشقان خىتاي مۇھاجىرلارنىڭ نامايىش مەزگىلىدە ساقچى ماشىنىلىرى، ئىش ئورۇنلىرى ۋە كوچىدىن ئوتكەن بىگۇناھ كىشەلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىشتەك زوراۋانلىقلىرى. ئەلۋەتتە، بىر ھەقسىزلىققە قارشى نامايىش بولغاندا، بۇ نامايىش چەكلىمىگە ئۇچرىسا ياكى نامايىشچىلارنىڭ تەلىۋى رەت قىلىنسا، نامايىشچىلار ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم قېنى قىززىق ياشلارنىڭ زوراۋانلىقى ھەركەتلىرىنى سادىر قىلىپ قېلىشىمۇ ساقلانغىنى بولمايدىغان ئەھۋاللار، ئەمما فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ نامايىش قىلىشىغا يول قويغان، خىتايدا بۈگۈن، بىر كىشى ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە، بۇنىڭغا قارپشى مۇشۇنداق بىر نامايىشقا يول قويۇلامدۇ، پارىژدىكى خىتايلار بۈگۈن خىتايدا ياشاپ قالغان بولسا، مۇشۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرالامتى؟ مۇشۇ نامايىشتىكى جاسارىتىنى كۆرسىتەلەمتى؟  ئۆلگۈچى لۇي شاۋياۋنىڭ ئاىلە ئەزالىرى ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ھال سوراپ كەلگەنلىكى، دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، ۋەدە بەرمىسىمۇ فرانسىيە قانۇنى بۇ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئېنىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن چەتئەلگە چىققان 12 يىلدىن بۇيان، بىر خىتاي مۇھاجىرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىنب ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى، بۇ بىر ئېنىقكى تەساددىبىي بىر ۋەقە، ھىچقاچان پارىج ساقچىلىرىنىڭ خىتاي مۇھاجىرلارغا قاراتقان پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈردىغان تىپىك ۋەقە ئەمەس. ئۇنداقتا،  نامايىشچى خىتاي مۇھاجىرلىرىدىكى بۇنچە  چوڭ نەپرەت،   بۇ ئۆزىنى تۇتالماسلىقنىڭ سەۋەبى نېمە؟   ئەگەر سەۋەپ، لىئۇ شائۋياۋغا ھىسداشلىق ياكى مۇھاجىر خىتايلارنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىنى قوغداشلا بولسا ئىدى، يەنى مىللىي ھېسسىيات ۋب  مىللىي غورۇر بولسا ئىدى، توغرا چۈشۈشكە ئەرزىتى، ھەتتا ئالقىشلاشقىمۇ تېگىشلىك ئىدى.  ئەمما 70 يىلدىن بېرى خىتاي مىللىتىنىڭ گەجگىسىگە مىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى ، بۇنچىلىك نارازى بولمىغان ، بۇنچىلىك كەڭ-كۆلەمدە توپلانمىغان پارىجدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ پارىجدا ئولگەن بىر خىتاي پۇقراسى ئۇچۇن بۇ دەرىجىدە غەليان كوتۇرۇشى ماڭا ساختا بىر ئادلاەتپەرۋەرلىك ۋە ناساغلام بىر مىللەتپەرۋەرلىكتەك كۆرۈلدى.  مېنىڭچە، بۇنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەبى بولۇشى مۈمكىن، بىرى ئاجىزانە مىللەتپەرۋەرلىك) بىخەتەر مىللەتپەرۋەرلىك( ، يەنى بۇلاردا بەلگىلىك مىللەتپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بار، بئەمما خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھى يوق، بەدەل تۆلەش روھى يوق ؛  شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى تۇرۇشتەك قورقۇنۇچلۇق  ۋە ئېغىر بەدەللىك يولغا  مېڭىشقا پەتىنالماي، فرانسىيەدەك ئەركىن ۋە قانۇن دولىتىنىڭ سايىسىدە مىللەتپەرۋەرلىكىنى بىر بازارغا سېلىشتۇر. يەنە بىر سەۋەپ  نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى يىللاردىن بېرى خىتاي مۇھاجىرلارنى ئوز ئەتراپىغا يىغىپ، غەرپكە قارشى كۇشكۇرتىۋاتىدۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ، بىر مىليارت نوپۇسنىڭ قان تەرىنى شوراۋاتقانلىقىدەك  رېئاللىقنى، خۇددى بىر مىليارت نوپۇسنى بېقىۋاتقان قىلىپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەرپنىڭ ئەركىنلىك ۋە دەموكىراتىيە چاقىرىقلىرىغا  قارشى تۇرۇشقا ئۇندەۋاتىدۇ، ھەتتا، غەرپ دۇنياسىنى خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى خالىمايدىغان ۋە كورەلمەيدىغان كۈچلەر سۇپىتىدە پۇتۇن كۇچى بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، غەرپ دۇشمەنلىكنى ئويغاندۇرىۋاتىدۇ؛  مەن مۇشۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان خىتاي مۇھاجىرلارنىڭ ھىچ بولمىدى دېگېەندە بىر قىسمىنى ئەنە شۇ تەربىيەنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غەرپ دۈشمەلىكى تەشۋىقاتى مىڭىسى يۇيۇلغان كىشىلەر دەپ قارايمەن. ليۇ شاۋيانىڭ ئۆلۈمى، ئۇلار ئۈچۈن ، ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ زەھەرلەنگەن ھېسسىايتىنى ئىپداللەيدىغان بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن خلاس، ئۇلارغا بۇنىڭدىن باشقا بىر پۇرسەتنىڭ بولىشى ھەم مۈمكىن ئەمەس.

شۇڭا مەن بۇ نامايىشقا قاتناشقان، بولۇپمۇ ساقچى ماشىنىلىرى ۋە بىگۇناھ پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشتەك زورۋانلىق يولىغا ئەگەشكەن خىتاي پۇقرالىرىغجا شۇنى مۇراجىئەت قىلىمەن، سەمىمىي بولۇڭلار، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئادالەتپۋەرلىك، دوراپ قىلىنىدىغان نەرسە ئەمەس، پۇرسەت تپىپ ئىسپاتلىۋالىدىغان سۇپەتمۇ ئەمەس. تەخمىن قىلىمەنكى،  ئىچىڭلاردىكى بۇ نامايىشتا  سەپ تۇتقان ياشلارنىڭ خېلى بىر قىسىمى  خىتايدا 1989-يىلى تىيەنئەنمىن  ۋەقەسى يۇز بەرگەندە، يەنى دېموكىراتىيە تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇئىچىلار تانكا بىلەن باستۇرۇلغاندا چەتەلگە قېچىپ چىققان، ياكى شۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى، سىلەر ئەلۋەتتە لىي شاۋياۋنى ئۇنتۇماڭلار، ئەمما ئۇنىڭدىن بەك لىئۇ شاۋبائونىمۇ ئۇنتۇماڭار، لىئۇ شاۋياۋنى ئولتۇرگەن ساقچىدىن ھېساپ سوراڭلار، ئەمما سىلەرنىڭ يۆزلىگەن ، مىڭلىغان قېرىندىشىڭلارنى تيەنئەنمىن مەيدانى تانكىغا باستۇرىۋەتكەن  خىتاي كومپارتىيەسىدىنمۇ ھېساپ سوراشنى ئۇنتۇماڭلار.

ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىم، مەن نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشقا ئارىلىشمەن؟ چۈنكى، مەن مەنسۇپ بولغان  20 مىليون ئۇيغۇر خەلقى خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى يېتەكچىلىگىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ.   ئۇيغۇر خەلقى فرانسىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئەركىنلىك ۋە ئادالەتتىن ئىلھام ئېلىۋاتىدۇ، ئەنە شۇنداق بىر تۈزۈم ، ئەنە شۇنداق جەمىيەتتە ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. مەنچە خىتاي ئىچى -سىرتىدا خىتاي كومپارتىسىيىسگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرا ۋە مۇھاجىرلىرىمۇ، بۇ جەھەتتە بىز بىلەن ئوخشاش.  شۇڭا غەرپ دېموكىراتسىيە ۋە ئادالىتىگە داغ سۈركەيدىغان، شەك چۈشۈرىدىغان ھەركەتلەر، جۈملىدىن فراسىيە ساقچىلىرىغا ، فرانسىيە جەمىيەت تەرتىۋىگە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا قىلىنغان بۇ دۈشمەنلىك پوزىتسىيسىدىكى ھۇجۇملاردىن، خىتاي دېكتاتور ھاكىمىيىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ماڭا ئوخشاش ئىنسانلار بىئارام بولىدۇ ۋە بۇنداق ئۆزىنى بىلمەسلىك ۋە زوراۋانلىققا سۈكۈت قىلالمايمىز.

Leave a Comment

*

*