سابىق ئوقۇغۇچىلار مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى

مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى، تۇتقۇندىن ئاۋۋال مىسىردا تەخمىنەن 5-6 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ توپلانغانلىقىدەك بىر رېئاللىقنى ئاشكارىلىدى. بۇ سان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن توپلىنىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كۆپ سان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئامەت ياكى قىسمەت مىسىردا بۇنچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ توپلىنىشىغا سەۋەب بولغان؟

بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا ئەزھەردىن ئايرىلغان سابىق ئوقۇتقۇچى ئابدۇللا ئەپەندى ۋە سابىق ئوقۇغۇچى بۈمەريەم جاۋاب بەردى.

مۇھاجىرەتتىكى تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، مىسىردا 5 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ توپلىنىشى، بۈگۈن ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىغا نىسبەتەنمۇ چوڭ بىر سان ۋە زور بىر ئىش. مىسىردىن ئايرىلغان سابىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىردا بۇ دەرىجىدە كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىنىڭ توپلىنىشىغا بىرىنچى بولۇپ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنىڭ ھەقسىز بولۇشى سەۋەب بولغان.

ئىككىنچىدىن، مىسىردا ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئانا يۇرتىدا ئاز-تولا ئىقتىسادى ئېشىنغان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مىسىرغا ئېلىپ چىقىشىغا ۋە پەرزەنتلىرىنى يېنىدا تۇرۇپ ئوقۇتۇشىغا ئىلھام ۋە ئىمكان بەرگەن.

ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئائىلە دىنىي مائارىپىغا قارىتا قاتتىق چەكلەش، دىنىي ئۇستازلارغا قارىتا ئېغىر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، بىر قىسىم دىنىي ئۇستازلار ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ئۇستازلار ئۈچۈن، ھەم جان ساقلاش، ھەم ئىلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىنى بەرگەن. بۇ دىنىي ئۇستازلارنىڭ مىسىرغا توپلىنىشى بىلەن، يۇرتىدىكى مەزگىلدە ئۇلاردىن ئىلىم ئالغان، ئەمما قانمىغان، داۋاملىق ئوقۇشقا ئىنتىلگەن سابىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ مىسىرغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان.

تۆتىنچىدىن، مىسىردا ئۇيغۇر سىياسىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بەزى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن ئوقۇش تاماملانغاندا يۇرتقا قايتىپ كەتكىلى بولىدىغان يەنى يۇرتقا قايتسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي تەھدىتىگە ئۇچرىمايدىغان ياكى ئاز ئۇچرايدىغان جاي دەپ تەخمىن قىلىنغان. نەتىجىدە پەقەت ئوقۇش ۋە ئوقۇشتىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇرلار، مىسىردا ئوقۇشنى ئەڭ مۇۋاپىق كۆرگەن.

يۇقىرىقى سابىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار گەرچە كۆڭۈللىرىگە ئوقۇشتىن باشقا مەقسەتنى پۈكمىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە گۇمان دائىرىسىدىن ۋە تارقىتىش ۋە زەربە بېرىش نىشانىدىن چەتتە قالالمىغان.

ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرى بۈگۈن يەنە مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىنىش تارىخى ھەققىدە ئىلگىرى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىلىشىنىڭ 1980 ‏-يىللارنىڭ ئاخىرى باشلانغانلىقىنى ۋە يېقىنقى يىللاردا كۆپەيگەنلىكىنى، ئەمما بۇ كۆپىيىشكە خىتاينىڭ قانداقتۇر يول قويغان ياكى كۆز يۇمغانلىقى ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ۋە خىتاينىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىچىككىنە بىر يوچۇق ئېچىلغانلىقىنى، دەۋرلەردىن بېرى ئىلىم ۋە پۇرسەتكە ئىنتىزار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىشقا چامىچە ئۇرۇنۇپ باققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*