ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىننىڭ مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا سەككىز يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ساندرا جوللېي خانىم ئۆزىنىڭ ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلدى ھەمدە تۈرمىدىكى گۈلمىرەگە مەدەت تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا «گۈلمىرە ئىمىن دۇچ كەلگەن قىسمەت ئايرىم بىر شەخسنىڭ ئەھۋالى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان سىمۋوللۇق ھالەت» دېدى.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەردىن بولغان ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە ئاللىقاچان سەككىز يىل بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىغىنى يوق. ئەنە شۇ ئىشلارنىڭ بىرى، شۇ قېتىم «زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان» دېگەن نام بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىدۇر. «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن شۇ قېتىملىق نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان ھەمدە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى گۈلمىرە شۇ قاتاردىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچىدە تىپىك شەخسلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
گۈلمىرە ئىمىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان ھەمدە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇ قاتاردىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى قاتارىدا، بۇ يىل ئاپرېلدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۈلمىرە ئىمىن رەسمىي «ۋىجدان مەھبۇسى» دەپ ئېلان قىلىندى. 14-ئىيۇل كۈنى بولسا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ساندرا جوللېي خانىم گۈلمىرە قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ سەككىز يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئوچۇق خەت يېزىپ ئۇنىڭغا مەدەت تىلىگەن ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز ساندرا جوللېي خانىمنى بۇ ھەقتە قىسقىچە سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئالدى بىلەن مەيلى گۈلمىرە ئىمىن بولسۇن ياكى باشقا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى بولسۇن، بۇنىڭدا ھەرقاچان قانۇنىي ئۆلچەم مەسىلىسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا ئەڭ روشەن بولغان مىساللارنىڭ بىرى، تېخى يېقىنقى رامىزان ئېيى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئەھۋاللارنىڭ بىردىنلا ئۇيغۇرلارغا «جىنايەت» بېكىتىدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئەھۋالى سىزگە مەلۇملۇق: ئۇنىڭ ‹جىنايىتى›نى دەلىللەيدىغان ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى بۇ مەسىلىلەرنى ئىنتايىن ئوچۇق-ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىپ كەلمەكتە. بىز سەل ئىلگىرىراق مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇزاكىرە قىلىنغان بىر يازما دوكلات ئېلان قىلدۇق ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدىكى خۇسۇسىي پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىۋالماسلىققا چاقىردۇق. چۈنكى، ئۆتۈپ كەتكەن رامىزان ئېيى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى، مۇشۇ مەزگىلدە ھەرقايسى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ھۆكۈمەت تەرەپتىن بەلگىلەپ بېرىلگەن ‹تۇغقانلىرى› نى مېھمان قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانلىقى، مۇشۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئائىلىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكچى بولغانلىقى مەلۇم بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق كىشىلەرنى ‹تېررورچى› دەپ ئاتىغاندا بۇنىڭ پەقەت كونتروللۇق ئۈچۈن باھانە ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ھازىر بۇ ئەھۋالنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شۇنچىلىك ئېنىق بولغان بىر ھادىسىدۇر. مادامىكى، بىر خەلق زۇلۇمغا ۋە ئېزىلىشكە ئۇچرايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ يەردە تېررورلۇق مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەكسىچە بۇ پەقەت خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويۇۋاتقان ھاكىمىيەتكە يۆلىنىپ زورلۇق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
ئەينى ۋاقىتتىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە نامايىشقا چىققانلار ئارىسىدا كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا گۈلمىرە ئىمىنگە ئوخشاش ئېغىر جازاغا مۇپتىلار بولغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار مۇئەييەن ساننى تەشكىل قىلغانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئەينى ۋاقىتتا «زوراۋانلىق» قا قاتناشقان دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» ياكى «ئەسەبىيلىك» كە باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئارتىلىۋاتقان بۇ خىل «جىنايەتلەر» گە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ساندرا خانىم كەسكىن قىلىپ بۇ ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دېدى. ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى«بىز ئۇلارغا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز. چۈنكى، بۇ ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي قانۇنسىزدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارغا يالغان-ياۋىداق تۆھمەتلەرنى چاپلاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىي بوشلۇقىدا ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى داۋام ئەتتۈرۈشى ھازىر ئاددىيلا قىلىپ ‹تېررورلۇق› بىلەن ئەيىبلىنىۋاتىدۇ. ھازىر مەسىلە شۇكى، نۇرغۇن دۆلەتلەر بىغۇبار ئېتىقادقا ئەگەشكەن ياكى مۇشۇنداق ئېتىقادلاردىن بەھرىمەن بولغان كىشىلەرنى ‹جىنايەتچى› قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تېررورلۇقنىڭ شەرھىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە كىرىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دەل مۇشۇنىڭ بىر مىسالى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ھازىر تازا ئۇچىغا چىققىلى تۇردى. ئۇلار ھازىر بار ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشقا ھەمدە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىدۇ.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى تىنا ماففورد يىللاردىن بۇيان شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس. ئۇ يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق «جىنايىتى» بارلىقىنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ قايسى تەرىقىدە ئۇيغۇرلارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلىپ قويغانلىقىنى چۈشىنىش لازىملىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بار. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ يوسۇندا ئۆزلىرىنى ئاتالمىش ‹تېررورلۇق› ۋە ‹ئەسەبىيلىك› كە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندۇق، دەپ جاكارلاۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭچە، تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدىن بۇنى ئاشۇ كۆزلەنگەن نىشانغا يېتىشتىكى توغرا ئۇسۇل، دېيىشكە بولمايدۇ. بىرىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇم پەيدا قىلىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا گاڭگىراش ھەمدە غەزەپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئەركىنلىكىگە ياتىدىغان نەرسىلەرنىمۇ ‹تېررورلۇق› قا باغلاپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، يېقىنقى مەزگىلدە باشلانغان ساقال قويۇش ياكى ياغلىق چىگىش دېگەندەك ئىشلار، شۇنىڭدەك دىنىي ئىپادىگە ياتىدىغان باشقا خىل ئامىللار مۇشۇنداق بولۇۋاتىدۇ. تەبىئىيكى، مۇشۇنداق شارائىتتا گاڭگىراشنىڭ كۆپلۈكىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان بەزى شەخسلەرنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا زورلۇق كۈچى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى روياپقا چىقىپ قالىدۇ. ئەمما بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجاد قىلغان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس، خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئىجادىيەت› لىرى جاۋابكار بولۇشى لازىم.»
ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىننىڭ خالىسانە ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان ساندرا جوللېي خانىم بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە تولۇقلىما سۈپىتىدە بىزگە ئەۋەتكەن تېكىستلىك ئۇچۇرىدا مۇنۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ:«گۈلمىرە شۇ تاپتا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولسىدى، مەن شادىيانىلىققا تولغان كۆز ياشلىرىمنى تۇتالمىغان ھالدا ئۇنى قۇچاقلىغان بولاتتىم. ئۇ مەن ئۈچۈن بەكمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنساندۇر. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم ئىسكەنجىسىدە ئىڭراۋاتقان بىر خەلقنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازىدۇر!»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment