خىتاينىڭ قول تىقىشى بىلەن مىسىردىكى ئوقۇشىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە ئورۇنلاشقان ئوقۇغۇچى سەيدەخمەت بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىسىردىن ئايرىلىش جەريانى ۋە ئەمەلگە ئاشماي قالغان ئارزۇسى ھەققىدىكى ھەسرىتىنى بايان قىلدى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يۇرتىدا خىزمەت قىلىشنى پىلانلىغان، ئەمما پىلانى بۇزۇلغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سابىق ئوقۇتقۇچى ئابدۇللا ئەپەندى، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتنىڭ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ھاياتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان ئىجابىي تەسىرلىرى ھەققىدە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن، مىسىردىن ھەيدىلىپ، نۆۋەتتە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى سەيدەخمەت ئۆز كەچمىشى ۋە ئوي – خىياللىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئەزھەردە ئىككى يىللا ئوقۇشنى، ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ، يۇرت خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بىر دىنىي ئۇستاز بولۇش، ئوقۇش-ئوقۇتۇش بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇنىڭ ئارزۇسى بولغان. ئەمما رېئاللىق ئۇنىڭغا بۇ پۇرسەتنى بەرمىگەن، ئۇ مىسىردىكى بىر يېرىم يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، يەنە 6 ئايلىق ئوقۇش ئۈچۈن بەدەل پۇل تاپشۇرغان كۈنى، مىسىردا تۇتقۇن باشلانغان. سەيدەخمەت ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلىش ئەمەس، يىللارچە تۈرمىدە يېتىشتەك بىر قىسمەت ئۇنىڭغا سايىسىنى كۆرسەتكەن. نەتىجىدە ئۇ ئەسلىدە ھېچ پىلانىدا بولمىغان تۈركىيە سەپىرىگە ئاتلانغان. ئۇ نۆۋەتتە، بىر تەرەپتىن تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئوقۇش غايىسى ئۈچۈن يەنىلا پۇرسەت ۋە ئىمكانلارنى ئىزدىمەكتە.
مىسىردا سەيدەخمەتكە ئوخشاش يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىغا دەرس بەرگەن، ئۇلارنىڭ ئەزھەردە ئوقۇشىنىڭ ئىلىم ئاساسىنى ھازىرلىغان، ئەمما ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا، مىسىردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇللا ئەپەندى، مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى ئىلىم ئۆگىنىپ ۋەتىنىگە قايتىشنى پىلانلىغان. ئەمما، خىتاي بۇنىڭغا يول قويمىدى. ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پسىخىكىسىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش بىلەن مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ ئەكېتىشنى پىلانلىغان، ئەمما، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار خىتاي كۈتكەندەك يولنى تاللىغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى ۋە پەيلىنى نەزەردە تۇتۇپ ۋەتەنگە قايتمىغان. ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئوقۇش ۋە ۋەتىنىگە قايتىش ئارزۇسى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ھەمدە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىدا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچى، بەزىلەر تۈركىيەدە داۋاملىق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى، تەستە ئېرىشكەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئوقۇشتا چوڭ نەتىجىلەرنى قازىنىشى مۇمكىن؛ ئىككىنچى، تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي ھاياتقا قىزىقىشى ۋە ئۇنىڭغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن؛ ئۈچىنچىسى، ئۆزلىرى ماكانلاشقان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەشكىلاتلارنىڭ غوللۇق ۋە ياراملىق ئەزالىرىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment