رابىيە قادىر: خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدە كرىزىسقا ئايلاندى

شى جىنپىڭ 3 يېرىم سائەتلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ جوڭگۇچە سوتسىيالىزمنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى ، ئەمما جوڭگۇچە سوتسىيالىزمنىڭ مەغلۇبىيەتلىرى ھەققىدە ، بولۇپمۇ مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى مەغلۇبىيەتلىرى ھەققىدە ھېچ توختالمىدى. خىتايدا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى شى جىنپىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، ھەتتا كىرزىسقا ئايلاندى. مىللەتلەر مۇناسىۋىتى كرىزىسقا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن،نازى گېرمانىيسى بۇنىڭدىن 80 يىل ئېگىرى تەسىس قىلغان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىنىڭ ئەينى نۇسخىسىنى بۇ يىل شەرقى تۈركىستاندا » يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامى ئاستىدا تەسىس قىلدى  ، ۋە ئۇ يەردە نۆۋەتتە ئاز كەم بىر مىليون كىشى » تەربىيە » ئېلىۋاتىدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھۇقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر مەركەزلەرنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدىكى چاقىرىقىمۇ جاۋابسىز قالدى.
شۇنداق جوڭگۇچە سوتسىيالىزم يولى، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مەغلۇپ بولدى، بولۇپمۇ بۇ مەغلۇبىيەت شى جىنپىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ يالىڭاچلاندى: شەرقى تۈركىستاندا يېقىنقى 20 يىلدا يۈز بەرگەن 100لەرچە قانلىق ۋەقەنىڭ %90 ى، بولۇپمۇ ئەڭ شىددەتلىكلىرى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ، بولۇپمۇ 2013 ‏-، 2014، ۋە 2015 ‏-يىللىرى يۈز بەردى. مانا پاكىتلار: ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پارتلاش ۋەقەسى       ، تيەنئەمىن قوۋۇقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى   ، كۈنمىڭ ۋەقەسى ، 22‏-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ، 28 ‏-ئىيۇل يەكەن قەتلىئامى  ، 18 ‏-ئاۋغۇست بۈگۈر قەتلىئامى  ، 18 ‏-سېنتەبىر باي كۆمۈركان ھۇجۇمى   قاتارلىقلار خەلقئاراغا كەڭ كۆلەمدە ئاشكارىلانغانلىرىنىڭ بىر قىسمى. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى نېلسون ماندېلانى زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلىغان ۋەقەدە پەقەت 56 كىشى ئۆلگەن ، 28 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغان سان بويىچە ئېيتقاندا 113 ، بىزنىڭ ھېسابىمىزچە 2000 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۈگۈر قەتلىئامىدا خىتاينىڭ ئېتىراپى بويىچە 57 بىزنىڭ ئېنىقلىشىمىزدا 200چە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ۋەقەلەردىن ئەڭ دەسلەپتە تىلغا ئالغىنىمىز، شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى «شىنجاڭ» زىيارىتى داۋامىدا يۈز بەردى. يەنى بەزى ئاخباراتچىلار بايان قىلغىنىدەك شەرقى تۈركىستاندا شى جىنپىڭ دەۋرىدە بىر يوشۇرۇن ئۇرۇش داۋام قىلدى.
شۇنداق خىتاي بۇ ۋەقەلەرگە بىۋاسىتە چېتىلغان كىشىلەرنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش(  سوتسىز ئۆلۈم ئىجرا قىلىش )، ۋاسىتىلىك چېتىلغانلارنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن ئۆلۈم ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىش؛ ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قولۇم-قوشنىلىرىنى بولسا يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىش ئارقىلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تىنچىتتى. ئەگەر شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى باستۇرۇش چارىسى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى جوڭگۇچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ، ئۇنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغان بولسا، بۇ خاتالا ئەمەس، قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىكى ئەڭ ئەقەللىي ساۋات شۇكى قانلىق باستۇرۇش ھېچقانداق دۆلەتتە مىللەتلەر مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغان ئەمەس، بەلكى چوڭقۇرلاشتۇرغان ۋە كېڭەيتكەن. ھەممىگە ئايانكى، نۆۋەتتىكى تەربىيىلەش مەركەزلىرى پاكىتكى، مىللىي نەپرەت شى جىنپىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ كەڭ ئەۋج چوڭقۇر ئۆچ – ئاداۋەتكە ئايلاندى. زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك بار يەردىكى جىمجىتلىق ياخشىلىقتىن بېشارەت ئەمەس، بەلكى كېلەچەكتىكى چوڭ بالا-قازانىڭ ئەلچىسى. شۇڭا جوڭگۇچە سوتسىيالىزم ۋە ئۇنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى ئىجرائاتى مىللەتلەر مەسىلىسىدە غەلىبە قىلالمىدى.

شى جىنپىڭ جوڭگۇچە سوتسىيالىزم ئېنىق مەغلۇپ بولغان مىللەتلەر مەسىلىسىدە نېمە ئۈچۈن ئېنىق ۋە تەپسىلىي توختالمايدۇ؟ پەقەت بۆلگۈچىلىككە ۋە تېررورلۇققا تېخىمۇ قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەنلا كۇپايە قىلىدۇ؟ شۇنچە كۆپ ۋە شىددەتلىك ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى‏-خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تېررىتورىيىسىنىڭ 1/6قىسمىدا مەۋجۇت بولغان مۇشۇنداق بىر مەسىلە نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدا يەر ئالمايدۇ؟

چۈنكى خىتاي شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى يەنىلا دۇنيادىن سىر تۇتۇش ۋە بۇ رايونلاردا نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تېخىمۇ شىددەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇشنىڭ كويىدا.

بىز شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىگە، جۈملىدىن 19 ‏-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمىز: بىر مەسىلىنى تىلغا ئالماسلىق، ئۇ مەسىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەس. ياخشى ئۇسۇل مەسىلىنى ھەل قىلىش. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۇنى مۇزاكىرە قىلىش. شى جىنپىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىسى بايلىق پەرقىنى تەڭشەش ۋە خەلقنى تېخىمۇ بېيىتىش دەپتۇ، بىزچە، خىتايدىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە مىللەتلەر مەسىلىسى ( ئەسكەرتىش: ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ئەمەس) ؛ مىللەتلەر باراۋەرلىكى مەسىلىسى ئەمەس، مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى مەسىلىسى؛ ئۆلكە ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى ئەمەس، بېسىۋېلىنغان زېمىنلارنىڭ ئازادلىقى مەسىلىسى. بىز ئاخىرىدا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ۋە 19 ‏-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى كۆز ئالدىدىكى بۇ مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلماي ۋە ئۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ 2050 ‏-يىلى دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى يەنە بىر يۈكسەك تون بىلەن سەمىگە سالىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*