يېقىنقى كۈنلەردە ئۆزىنى ياش ئەدىب ئابلىكىم ھەسەننىڭ بىر تۇغقان ئاكىسى دەپ تونۇشتۇرغان ۋەلى ھەسەن ئەپەندىم رادىيومىزغا ئىنىسى، ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرىدا قەلەم تەۋرىتىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئابلىكىم ھەسەننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان ۋەلى ھەسەن ئەپەندىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئابلىكىم ھەسەننى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەنچە ھازىرغىچە ئۇنىڭ نەدىلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان. ئۇنىڭ ئايالى مۇنەۋۋەر سەنئەت خانىم ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى زەمىلە، بېكتەر، ئوغلى ئەلدەبىرنىڭمۇ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئابلىكىم ھەسەن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سىڭلىسى زۇلپىيە ھەسەنمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن، ئەينى چاغدا غۇلجا تۇرپانيۈزىدىكى 90 ياشتىن ھالقىغان ئانىسى ئايشەم ھېكىمنىڭ كېسەل ھالەتتە قالغانلىقى مەلۇم.
ئابلىكىم ھەسەننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئايال، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئاتىكە ئەمەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيسىبوك بېتىدە «ئوغلۇمنىڭ دادىسى ‹ئابلىكىم ھەسەن› جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقىنىغا بىر يىلچە بوپتۇ، ھازىرغىچە خەۋىرى يوقمىش. كىملەرنى كىملەرگە موھتاج قىلىدىغان ئاللاھىم، مەن ئوغلۇمنىڭ يۈزىسىدىن بولسىمۇ گۇۋاھلىق بەردىم، مېنىڭ بۇ يازمام گۇۋاھلىق تۇر!» دەپ يازما گۇۋاھلىق ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرىدا قەلەم تەۋرىتىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئەدىب ئابلىكىم ھەسەننىڭ «زەيتۇنەنىڭ ئالمىسى» ناملىق ھېكايە ۋە پوۋېستلار توپلىمى بۇلتۇر ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. خىتاي مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان ئابلىكىم ھەسەن 1971-يىلى ئىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈچدەرۋازا مەھەللىسىدە ئاددىي بىر تۆمۈرچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ بالىلارنىڭ ئالتىنچىسى بولۇپ، ئىشچان ئاكا-ھەدىلىرىگە ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ، تۇرمۇش قايناملىرىدا چېنىققان.
ئۇ 1993-يىلى لەنجۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتى «جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات» فاكۇلتېتىنى تاماملىغان يىلى، ئۇنىڭ تۇنجى بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى «ئەللەي تەبىئەت» نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى، جۈملىدىن بالىلار شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. مەزكۇر توپلام ئىلگىرى «مۇنەۋۋەر كىتاب مۇكاپاتى» غا، «شەيتانلارنىڭ شادلىقى» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى 7-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹تۇلپار› ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، «زەيتۇنەنىڭ ئالمىسى» ناملىق ھېكايىسى 2-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات سەنئەت ئەسىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، «يۇلتۇزلارغا سۆز»، «ئېھ، غۇلجام»، «توپىلىق يول»، «ئەۋلادلار ئۈچۈن»، «ئاق قۇلار ناۋاسى»، «ياز خىياللىرى»، «كۈنلۈكۈم»، «جاپاكەش ئانام»، «ئاپام»، «يېرىلىڭ تاشىم»، «قاراڭغۇ باغدىكى ئۆمۈچۈك موماي» قاتارلىق يەككە ئەسەرلىرىمۇ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر باش مۇھەررىر مۇكاپاتى»، «2-نۆۋەتلىك ياشلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان «قاراڭغۇ باغدىكى ئۆمۈچۈك موماي»، «بوغرانىڭ زومىگىرى» قاتارلىق توپلاملىرىمۇ نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ 30 پارچىغا يېقىن ئەسىرى «شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى» تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «مۇزىكا»، «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتى خىتاي مەركىزى خەلق رادىيو-تېلېۋىزىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭرى تونۇشتۇرۇلغان.
ئابلىكىم ھەسەن «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، باش مۇھەررىرى بولۇپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى مەزكۇر ئۇنىۋېرسال بالىلار ژۇرنىلىنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن زور ئەجىر سىڭدۈرگەن.
مانا شۇنداق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ۋە تەقدىرلەشلىرىگە ئېرىشكەن ئابلىكىم ھەسەننىڭ ئوخشاشلا يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئۇنىڭ دوستى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان شائىر ئابدۇۋەلى تۇرسۇن، قەلەم كۈچى، زېھنى ۋە يۈرىكىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ كىملىك تەربىيەسىگە بېغىشلىغان ئابلىكىم ھەسەننىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنىشىنىڭ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئابلىكىم ھەسەننىڭ ئىجادىي تالانتىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە «ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى سەر خىل زىيالىيلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن سەۋەبسىزلا لاگېرلارغا قامىلىپ، قەلەمدىن، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچنېمىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.
ئابلىكىم ھەسەن «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىغا ئۇيغۇر بالىلار يازغۇچى، شائىرلىرى ۋە بالا شائىر، يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى دائىم ئېلان قىلىپ، ژۇرنالنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتقان ۋە ئۇنى قىزىقارلىق ۋە بالىلار سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ژۇرنالغا ئايلاندۇرغان.
ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانىغا ئىگە ئابلىكىم ھەسەن يەنە كۆپلىگەن ناخشا تېكىستلىرىنىمۇ يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ تېكىستلىرىنى بالا چولپانلار سۆيۈپ ئوقۇغاندىن سىرت يەنە ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپانلىرىمۇ ناخشا قىلىپ ئېيتقان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سەنئەت بۆلۈمىنىڭ سابىق رېژىسسورى ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رىدا ئابلىمىت، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى نۇرغۇن سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئابلىكىم ھەسەن بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم سەنئەت كېچىلىكلىرىدىكى ئاساسلىق ناخشىلارغا تاللىنىپ، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ بېيىتىلىشى، بالىلار ۋە سەنئەت پروگراممىسىنىڭ رەڭدارلاشتۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «بالىلار ئەسەرلىرىنى يازىدىغان ئابلىكىم ھەسەندەك زىيالىينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن باراۋەر دەپ قارايمەن» دېدى.
بالىلار يازغۇچىسى ئابلىكىم ھەسەننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇشنىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭ بىلەن كەسىپداش ۋە بىر ئورگان تارمىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى سەر خىللاردىن يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، جازانىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى، ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ بولسا مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
مەنبە: RFA
Leave a Comment