(ئاپتۇردىن ئەسكەرتىش: مەن بۇ يازمىدا ھېچكىمنى تىللىماقچى ئەمەسمەن. مۇستەقىل بولۇشىمىز كېرەك دېگەن گەپ ئادەم تىللىغان گەپ ئەمەس )
مەن 1988-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بىر نەچچە ساۋاقدىشىم بىلەن ئىزچىلار تەشكىلاتى قۇرۇپ پاش بولۇپ ئۈچ يىل كېسىلىپ ئاقسۇدا تۈگەتتىم. جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ چىققاندىن كېيىن 1992-يىلى 4-ئايدا شەرقىي تۈركىستان تەرەققىيات پارتىيىسىنى قۇرماقچى بولغىنىم ئۈچۈن 5يېرىم يىل كېسىلدىم ۋە تارىم تۈرمىسى، تۇرپان كۆككۆل(شەرقى كۆل) تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى تۈگەتتىم. بۇ جەرياندا ئۆزۈم ياكى پىكىرداشلىرىم، تۈرمىداشلىرىم ئارقىلىق نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە پاش بولۇش تارىخىدىن خەۋەردار بولدۇم ياكى شاھىت بولدۇم .
1990-يىللاردىن كېيىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تەشكىلاتلار بەس-بەستە قۇرۇلۇشقا باشلىدى. مەكتەپلەرنىلا مىسالغا ئالساق شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى»، «كۆك بۆرە ياشلار ئىتتىپاقى»، «تەڭرىتاغ بۈركۈتلەر ئىتتىپاقى»، «شەرقىي تۈركىستان ئوقلىرى»، «كۆكبۆرە ئازادلىق تەشكىلاتى»، «شەرقىي تۈركىستان بەخت ئىزدىگۈچىلەر بىرلەشمىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلار پاش بولغان بولسا، قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستى ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان «قىران بۈركۈت»، «شەرقىي تۈركىستان ئورتاق ئىلگىرىلەش ئۇيۇشمىسى»، «شەرقىي تۈركىستان ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»، «شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»، «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى » قاتارلىق تەشكىلاتلار پاش بولدى. خوتەن پېداگوگىكا تېخنىكومىدا قۇرۇلغان «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»، «تەڭرىتاغ سىگنالى» ، «شەرقىي تۈركىستان دېموكراتلار پارتىيىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلار پاش بولغان بولسا ئاقسۇدىكى پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «ئىزچىلار»، «ئويغان»، «سادا»، «شەرقىي تۈركىستان ئالغا پارتىيىسى»، «يېشىل قارىغاي»، « دەۋر پەرزەنتلىرى»، «ئىرادە» «شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى» قاتارلىقلار پاش بولدى. ئەل ئارىسى تەشكىلاتلاردىن «سادىر پالۋان»، «ئوغۇز»، « ئەلقىساسى مىنەلھەق» ، «خەيرىيەت ئۇيۇشمىسى»، «سۈپۈرگە» قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئېغىر بەدەللەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارزۇسىدا يانغان يۈرەكلەرنى ئىسپاتلىدى.
نومۇسسىز خىتاي، بۇرۇن جازالاپ بولغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر يۇقىرىقى تەشكىلاتلارغا چېتىلغان بەزى ئىنسانلارنى يەنە داۋاملىق تاتىلاپ ھەممىنى قايتىدىن ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ.
بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ « مېنىڭ پالانى تۇغقىنىم ھېچقانداق «قالايمىقان» ئىشقا ئارىلاشمايتتى دېگىنىدە قانداق ئىشنى «قالايمىقان» ئىش دەپ قاراۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئاشۇ «قالايمىقان» ئىشلارغا ئارىلاشقان قەھرىمانلىرىمىز نىسبەتەن ئارمانسىز كىشىلەردۇر. «قالايمىقان» ئىشلارغا ئارىلاشمىغانلار بولسا 24 سائەت زارىزار يىغلاپ «ۋاي ئىسىت،خەپ بىلگەن بولسام» نى ھەمراھ قىلىشقان ئارمان ئىگىلىرىدۇر.
1992-يىلى توقسۇدا قۇرۇلغان، توقسۇ ناھىيىسىنىڭ كاندىدات ھاكىمى ، ئۆگەن يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئەيسا ھۈسەن باشچىلىقىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھەققانىيەت پارتىيىسىدىن 20 نەچچە ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنىشى، 2010-يىلى ئون نەچچە ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىللە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىل كېسىلگەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت دوكتور يېتەكچىسى مەمەتجان ئابدۇقادىرنىڭ «تەۋپىق فوندى» مۇ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى يەنە بىر كۆلەملىك سىياسىي ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.
چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن بەزىلەر مۇستەقىللىق دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ھامان خۇددى ھاقارەت ئاڭلىغاندەك سەكرەپ كەتكەن بىلەن، ۋەتەن ئىچىدە ئۆلۈمگە يۈزمۇيۈز تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئارمان قىلغانلار بولغان ئىدى. بىز بىر-بىرلەپ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېلىۋاتقان، نەچچە ئون يىللاردىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان قەھرىمانلىرىمىزمۇ، قەھرىمانلىرىمىزغا ئارىلىشىپ كېسىلىپ كېتىپ قالغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ياكى مائارىپ باراۋەرلىكى تەشەببۇسچىلىرىمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىشنىڭ بەدىلى ئوخشاش … بىلگىنىمىزدەك نەتىجىسى- كەلگۈسى ئاقىۋىتى ئاسمان زېمىن پەرقلىق.
ئەگەر بىر ئىنكاستا كۆرگىنىمدەك، «بىزنىڭ ئارزۇلايدىغىنىمىز تەسەۋۋۇردىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئەمەس، 10 يىل ئاۋۋالقى ئاپتونوم رايون» بولىدىغان بولسا خىتاي مۇستەقىللىق بەرمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلگەندىلا يەنە بىر ۋاقىتلىق ئاپتونومىيىنى بېرىشى ۋە يەنە ۋاقىت ئۇتۇپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچىمىزنى يوقىتىشى مۇمكىن. ئوتتۇرا يولغا، خوجا نىياز ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلار «جان بولسا جاھان» دەپ توختىتىپ قويغان ئۇرۇشلارنىڭ بەدىلىنى تۆلىگىنىمىز يەتمىدىمۇ؟! يەنە تۆلەشكە مىللەتنىڭ ئۆمرى يار بېرەمدۇ؟!
مۇستەقىللىق شوئارى رېئاكسىيە قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن سورايدىغىنىم:
ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولىمىز دېگەنلىكى ئۈچۈن كامپىغا سولىنىۋاتامدۇ؟
ياكى مۇستەقىل بولىمىز دېگۈچىلەر كامپىنى تاقاشقا قارشى تۇرۇۋاتامدۇ؟
مۇستەقىل بولۇش تەلىپى كامپا تاقىتىشقا تاقىشامدۇ؟ ياكى نۆۋەتتە نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى مۇستەقىل بولۇش بىلەن كامپىنى تاقاشتىن بىرىنى تاللاۋاتامدۇ؟
ئۇنداق بولمىغان ئىكەن، مۇستەقىل بولۇشىمىز كېرەك دېيىلسە نېمىشقا ھەممىدىن بۇرۇن ئۆز ئىچىمىزدىكى بەزىلەر غەزەپلىنىپ سەكرەپ كېتىدۇ؟
رېئاللىق شۇكى مەيلى كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقانلار بولسۇن ياكى مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىكىلەر بولسۇن خىتاي تېخى ھېچقايسىغا پەرۋا قىلغىنى يوق. ئۇلاردىن ھېچقايسىمۇ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە ئەمەس. خورازنىڭ ھېكايىسىنى ئېسىمىزگە ئالساقلا بىز نېمىدە ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەكلىكى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
يەنە تەكرارلاپ قويايكى مۇستەقىل بولۇشىمىز كېرەك دېگەن گەپ ئادەم تىللىغان گەپ ئەمەس، سەكرەشنىڭ ئەسلا لازىمى يوق. ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى – ئاپتونومىيىنىڭ مېغىزىنى چاققان ئاز سانلىق ساراي شائىرلىرىنىڭ ئەھلى ئەۋلادىنىڭ ئەمەس ، بەلكى كۆپ سانلىق شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ جان ۋە قېنىغا سىڭگەن مۇقەددەس ئارزۇسىدۇر. ئەگەر دېموكراتىيە چۈشەنچىسىگە ئىگە بولساڭلار بۇنداق بىر گۈزەل ئارزۇ ئارماننى بولسىمۇ قىلغىلى، دېگىلى قويۇڭلار!
Leave a Comment