تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت
تۈركىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ھامى ئاقسوي ئەپەندىنىڭ ، شەرقى تۇركىستاندىكى لاگىر مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆپ مەمنۇن بولدۇم . باياناتتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان، مەزكۇر مەسىلىنى ئىنچىكە ۋە يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەنلىكىنى، خىتايغا كۆپ قېتىم يەڭ ئىچىدە، بۇ مەسىلىنى تۈزىتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغانلىقىنى، قىسقىسى ،مەسىلىنى مۇمكىن قەدەر خەلقئارا سەھنىگە ئاچىقماي، ، خىتاي بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەي ئېلىپ مېڭىشقا تىرىشقانلىقىنى بايقىدىم. تۈركىيە ئاخىرى، خىتاي ھەددىنى بىلمىگەندىن كېيىن يەنى ب د ت ئورگانلىرىدىن، غەرب دىپلوماتلىرىغىچە، ھىندونېزىيە، مالايشىيا خەلقىدىن ، خەلقئارا تەشكىلاتلارغىچە كۆپ ساندا دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىگە پەرۋا قىلمىغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىدە مەيدانىنى يوشۇرۇشنىڭ زىيانلىقلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىدىن باشقا ئىنسانىي ئادالەت ۋە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگىمۇ دەخلى قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. مەنچىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى، بۇ باياناتى ئارقىلىق ئاخىرى، مىڭ يىللىق بىر دۆلەتنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى، بەلگىلىك بىر ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن، يەر شارىدىكى بىر مەزلۇم مىللەتنىڭ جېنىنى قۇربان قىلىۋەتمەيدىغان ئېسىل بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇپى ئىكەنلىكىنى، قېرىنداش بىر مىللىتىنى ھەر ۋاقىت تونۇش ۋە ئىگە چىقىشتەك، ئەقەللىي ئىنسانىي پەزىلىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن بولدى.
تۈركىيەدىن ئۈمىد كۈتكەن ۋە پەخىرلەنگەنلىكىمىزنىڭ خاتا بولمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتۇق. ياشا تۈركىيە!
بىز بارلىق دۆلەتلەرنىڭ، خىتايدەك ئوز ئەۋلادلىرىنى تانكا بىلەن باستۇرۇپ ھاكىيىتىنى قوغداپ قالغان، ئوز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىللەتلەرنى 21- ئەسىردىمۇ يىغىۋېلىش لاگېرى تەسىس قىلىپ يوقىتىش قەستىدە بولۇۋاتقان بۇ دۆلەتتىن، دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشلا ئەمەس، بولسا جەڭ ئېلان قىلىپ، بۇ دۆلەتنى يەر يۈزىدىن يوقىتىپ، بىر يېرىم مىليارد خىتاي خەلقى ۋە بېسىۋېلىنغان خەلقلەرنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇشىنى ۋە بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى، پارىخورلۇقىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان ۋە دۇنياغا بالاسى ئاپەت ئەكېلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما، رېئاللىق سەۋەبىدىن ، دۇنيا دۆلەتلىرىگە بۇنداق بىر تەلەپنى قويمايمىز. پەقەت پۈتۈن دۆلەتلەرگە ب د ت ئەھدىنامىلىرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە، خىتايغا ھەددىنى بىلدۈرۈشىنى، خىتاينى بۇ ئېتنىك قاتىللىق يولىدىن توسۇشقا دەۋەت قىلىمىز. بۇ كۈتكىنىمىز، بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ئۈچۈنلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، خىتاينىڭ جىنايى يولدىن توسۇلۇشى ئۈچۈنمۇ، خىتاي ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ باياناتى ئارقىلىق، بىزگە قېرىنداشلىقىنى يەتكۈزدىلا ئەمەس، خىتايغىمۇ دوستلۇقىنى يەتكۈزدى. 3 مىليون ئىنساننى لاگېرغا سولىۋېلىپ مەدەنىيىتى ۋە مەۋجۇدىيىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈشنىڭ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كېلەچەكتىكى مۇقىملىقى ، دۇنيادىكى ئىناۋىتى، كېلەچەك خىتاي ئەۋالاتلىرىنىڭ يۈز ئابرۇيى ئۈچۈن يەتكۈزىدىغان زىيانلىرىنى ئېسىغا سالغان بولدى. مېنىڭچە دوست دۆلەتلەر، ئۆز شېرىكى بولۇپمۇ ئېتىنىك قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بىر جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتقاندا، ئۇنىغا سۈكۈت قىلمايدۇ، ئۇنى دەستەكلىمەيدۇ، ئۇنى بۇ جىنايەتتىن توسىدۇ. تۈركىيە بۇ نۆۋەت مانا مۇشۇنى قىلدى.
مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن، لاگېرلار مەسىلىسىدىكى بۇ ھەققانىي پوزىتسىيىسىدە، چىڭ تۇرۇشقا، داۋاملىق ئىپادىلەپ تۇرۇشقا، پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بىلەملا ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا، لاگېرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىش ۋە تاقىتىشتا، تۈرك ئىسلام دۇنياسىدا يېتەكچى رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
رەھمەت تۈركىيە.
رابىيە قادىر
Leave a Comment