رابىيە قادىر : ئۇيغۇرلار ۋىرۇس تەھدىتىنىڭ ئۈستىگە ئاچارچىلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلدى

خىتاينىڭ  ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك كوچىلارنى قامال قىلىشى ۋە ئاھالىلەرنى ئويدىن چىقماسلىققا جىددىي شەكىلدە بۇيرۇشى ئەلۋەتتە زۆرۈر. ئەمما ئاھالىلەرنى ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن قوغداۋاتقان چېغىدا ئۇلارنىڭ باشقا شەكىلدە ئۆلۈشىگە يول قويۇشى ياكى كۆز يۇمۇشى قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس. يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، شەرقى تۈركىستاندا ئۆيلىرىگە قاپسالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچلىققا دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇلارغا يېتەرلىك ئوزۇق-تولۇق يەتكۈزۈپ بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاھالىلەرنىڭ چەكلىمىنى بۆسۈپ ئۆيلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقانلىقى، ئالدىنى توسقان خادىملار بىلەن جىدەللىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن كۆرۈنۈشلەر  تارقالدى. بۇ كۆرۈنۈشلەر بىزنى جىددىي شەكىلدە ئەندىشىلەندۈرمەكتە. چۈنكى شەرقى تۈركىستاندىكى تەڭسىز سىياسەتلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار يىللاردىن بېرى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئارقىدا قېلىپلا  قالماستىن، يەنە ئۈچ يىلدىن بۇيانقى لاگېرلار  سەۋەبلىك، ئائىلىلەر ئەمگەك كۈچىدىن ۋە ئىقتىسادىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نۇرتاي ھاجى، ئابدۇجېلىل ھاجى قاتارلىق ساخاۋەتچى كارخانىچىلارنىڭ ھەممىسى بايلىقلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان. شۇڭا خىتايدىكى، جۈملىدىن شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قاپسىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى سەۋەبلىك، ئۇلارغا چوڭ ئوڭۇشسىزلىق ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن؛ ئەمما زۇلۇم سەۋەبىدىن ھالسىراپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ  بىر ھاياتىي تەھدىت.
خىتاي دائىرىلىرى  ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئالالماسلىقىدا جاۋابكارلىقى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋابا تەھدىتىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىز بىر ۋەزىيەتتە دۇچ كېلىشىدىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باش تارتالماس جاۋابكارلىقى بار. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى دۆلەت خەزىنىسىنى، ئالدى بىلەن مانا مۇشۇ ئاجىز نۇقتىلارغا، ئۆز جاۋابكارلىقى بار جايلارغا سەرپ قىلىشى كېرەك. يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان، مىللىي كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش سىياسىتىنى مۇشۇ كرىزىس مەزگىلىدە بولسىمۇ توختىتىشى كېرەك. مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزىدىغان، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىدىغان بېرىدىغان قۇرۇلۇشلارنى تەسىس قىلىشى ۋە ياكى بۇ خىل ياردەملەرنىڭ سىرتتىن كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە ،خىتاي تەرەپ، شەرقى تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەتچى بىر كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن مېنىڭدەك بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ  ھەرقانداق بىر چاقىرىقىغا پەرۋا قىلمايدۇ؛ خەۋەرلەردە كۆرۈلگەندەك، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارىغىمۇ قۇلاق سالمايدۇ. شۇڭا مەن  بۇ ئاچارچىلىق كرىزىسىدا  خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ياردەمگە چاقىرىمەن ،  بولۇپمۇ قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىدە جىددىي سۆزلىشىپ، رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، ئېھتىياجلىق ئاھالىلەرگە تېزدىن ياردەم بېرىشكە، چەتئەلدىن كېلىدىغان ياردەمگە يول ئېچىشقا دەۋەت قىلىمەن. ئاخىرىدا، شەرقى تۈركىستاندا ئۆيلىرىگە قاپسالغان، ئاچلىق كرىزىسىغا دۇچ كەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ يەنە 3 يىلدىن بۇيان لاگېرلاردا يېتىۋاتقان، يېتەرلىك ئوزۇق، ساپ ھاۋا، ئەركىن يۈرۈش-تۇرۇشتىن مەھرۇم قالغان 3 مىليون قېرىندىشىنىڭمۇ ئەھۋالىنىڭ ۋە تەقدىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا قاراڭغۇ  ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*