ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ۋە دۆلەت مەجلىسىگە دىنىي سىياسەت ھەققىدە تەكلىپ -لايىھە سۇنىدىغان بىر كومىتېتقا بىر ئۇيغۇر ئادۋوكاتنىڭ تەيىنلىنىشى ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مەنپەئەتلىك بىر قارار. ئادۋوكات نۇري تۈركەل بۈگۈن يەر شارىدا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزايى بولۇش ؛ بۇ مىللەتنىڭ مەسىلىسىنى ئۇزۇندىن كۆزىتىپ ۋە تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئاكادېمىك بولۇش؛ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكا ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بىتىنىم ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر پائالىيەتچى ۋە ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەزكۇر ۋەزىپىگە ئەڭ مۇۋاپىق بىر نامزات ئىدى. شۇڭا نۇر تۈركەلدىكى بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرەلىگەن ۋە ئۇنى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنىي پېلوسى خانىمنى تەبرىكلەيمەن؛ شۇنداقلا ئۆز ئىقتىدارىنى، بىلىمىنى ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىمۇ تەبرىكلەيمەن.
بۇ قارار، ئامېرىكانىڭ، دۇنيادىكى ئەڭ زور دىن دۈشمىنى بولغان خىتاي دۆلىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇر مىللىتى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان چىقىشى ئۈچۈنمۇ ئىجابىي رول ئوينىغۇسى!!!!
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر
Leave a Comment