خوڭكوڭلۇقلارنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئىبرەت ئېلىشقا ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949 ‏-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن  ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئاپتونومىيە ۋەدىسى بىلەن خەلقىمىزنى ئالدىغان ۋە شىددەتلىك  قارشىلىقىنى پەسەيتكەن ئىدى. ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 1955 ‏-يىلدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى يىلدىن-يىلغا ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ، بۈگۈنگە كەلگەندە  ئاپتونومىيىنىڭ شەكىلدىكى ئالامەتلىرىدىىنمۇ ئەسەر قالمىدى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىياسىي ساھەدە بىر قورچاقتىن رەئىستىن باشقىغا ئورۇن قالمىدى؛ قۇرۇلغان ۋە كېڭەيگەن  ئىش ئورۇنلىرىغا ھېچ بىرىگە يەرلىك خەلقلەر يېقىن يولىتىلمىدى. ئۆز ۋەتىنىدىكى نوپۇس نىسبىتى 96%دىن 40%گە چۈشۈرۈلۈپ ، ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىققا ئايلاندى.   ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۆز ئېتىزىدا ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋە يەرلىك بازارلىرىدا  ئەنئەنىۋى سودا مۇلازىمەتلىرى بىلەن جېنىنى جان ئېتىشىمۇ خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالدى ۋە بۈگۈن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەقەت ۋە پەقەت شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا بۈگۈن نورمال ھاياتتىن ئايرىپ تاشلىنىپ، لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولاندى.

1997 ‏-يىلى بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ۋەدىسى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان خوڭكوڭمۇ بۈگۈن دەل شەرقى تۈركىستان پەدىسىدە، پەيدىن -پەي خىتاينىڭ تولۇق مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستان خەلقى ئەينى چاغدا ئامالسىز ئىدى؛ چۈنكى ئارقىسىدا قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان كۈچلۈك دۆلەتلەر يوق ئىدى؛ رايون دۇنياغا يېپىق ئىدى؛ دۇنيادىن ياردەم كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئىدى. بۈگۈن خوڭكوڭ خەلقى بۇ جەھەتتە چوڭ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ئىتائەتسىزلىكتىن ئىبارەت ئاددىي  بىر قارشىلىقنىڭ ئۆزىمۇ ئىزچىل داۋام قىلغان تەقدىردە خىتاي كومپارتىيىسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرەلەيدۇ ۋە خوڭكوڭنىڭ   بۈگۈنكى شەرقى تۈركىستانغا ئوخشاش، مەھبۇس ئوغۇل ۋە ئاتىلارنىڭ، يېتىم بالىلارنىڭ، تۇل ئانىلارنىڭ ماكانىغا ۋە دۆلەت تېررورىنىڭ قاينىمىغا ئايلىنىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ. خوڭكوڭلۇقلار ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان شەرقى تۈركىستاندا ئۆيمۇ ئۆي بېسىپ كىرىپ ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇنلار، لاگېرلاردا، 14 سائەت ئۈزلۈكسىز سىياسىي تەربىيە ئېلىۋاتقان كۇرسانتلار، سوئال-سوراق -قېيىن-قىستاقتىن جان ئۈزگەن ۋە جەسىتى ئائىلىسىگە بېرىلمىگەن ئۇيغۇرلار، دەل شۇ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ ئىجراسىنىڭ قۇربانلىرىدۇر.
ۋەزىيىتىمىز ئىسپاتلىدىكى، خىتايدىكى بارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون خەلقىنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى دىكتاتور ۋە ئىمپىريالىست خىتاي دۆلىتىنى پاچاقلاپ تاشلاش ۋە ھۆر ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىشتۇر. مەن خوڭكوڭلۇقلارنى   بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزدىن ئىبرەت ئېلىشقا ۋە  خىتايدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەت قىلىشقا  دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*