(مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشىرىمىزغا خىتاب)
خىتاي تەرەپ، ساتتار ساۋۇت ، ئابدۇرازاق سايىت، تايىر ئەيسا، يالقۇن رزى، ۋاھىتجان ئوسمان، شىرزات باۋدۇن قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى ئېكراندا توۋا قىلدۇرۇش ۋە ھەتتا بەزىلىرىنى كۆز يېشى قىلدۇرۇش ئارىلىق، بىر تەرەپتىن، شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تونىنى كىيدۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كۈرەش يولىزمىدىكى يېتەكچى شەخسلەرنىڭ خەلقىمىز قەلبىدىكى ئورنىنى كىچىكلىتىشكە ياكى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان. خەلقئارا قانۇن نىزاملار بويىچە قارىغاندا، مىللىي مۇستەقىللىق ئارزۇسىدا بولۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىش ھەرگىز تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى ھەق -ئادالەت كۈرىشىدۇر. مەھبۇسلارنىڭ كۆزىدىن چىقىۋاتقان كۆز ياش، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ، تەسلىم بولغانلىقىنىڭ ئسپاتى ئەمەس، بەلكى دۈشمىنىمىزنىڭ ۋەھشىيلىكنىڭ- غەيرىي ئىنسانىي تەبىئىتىنىڭ- ئىسپاتىدۇر. ئېنىقكى مەزكۇر مەھبۇسلار ئىنسان بەرداشلىق بەرگۈسىز قېيىن-قىستاقلارغا دۇچ كەلگەن، ھەتتا شىرزات باۋدۇننىڭ روھىي كەيپىياتىدىن قارىغاندا، بەلكىم ئەس-ھوشىنى بۇزىدىغان خىمىيىۋى دورىلار بېرىلگەن ؛ ئۇلار ۋەتەن-مىللەت تەقدىرى ئۈچۈن غەم يېگەن ۋە كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، دۇنيادا ھېچبىر دۆلەتتىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بېشىغا كېلىپ باقمىغان ئېغىر زۇلۇم، نامەرتچە زەربىلەرگە دۇچ كەلگەن.
ئىشىنىمەنكى خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات فىلىمى خەلقئارادا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن، ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتامۇ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. خەلقىمىز بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى ئەستە تۇتىدۇ، كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنى ئەسلەيدۇ ۋە ئۇلارغا قەلبىدىن يۈكسەك ئورۇن بېرىدۇ. مەن ، ئەنە شۇ فىلىمنى كۆرگەنلا ئەمەس، شۇ فىلىمدىكى زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن بىر سابىق مەھبۇس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئەنە شۇ فىلىمدا ئىسمى ئاتالغان بارلىق مەھبۇسلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى
رابىيە قادىر
Leave a Comment