رابىيە قادىر: خىتاينىڭ قىزىل سىزىقلىرى ئۇنىڭ ئەجەللىك ئاجىز نۇقتىلىرىدۇر

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئېلچىسى پرېزىدېنت ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشى ئالدىدا «خەلق گېزىتى»دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى خىتاينىڭ بۇ ئۇچرىشىشتىكى «قىزىل سىزىقى» دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە سۆھبەتتە بۇ تېمىلارنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭدىن يەنە بىر رەت چۈشىنىپ يېتىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى خىتاينىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسى، شۇنداقلا كۆپ ئىقتىسادىي كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان جىنايىتىدۇر. خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكى دىققەت قىلىۋاتقان بۇ مۇھىم پۇرسەتتە بۇ ئاجىزلىقىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىنى خالىمايۋاتىدۇ.

ئۇنتۇلماسلىقى كېرەككى، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى گۈلشەن ئابباس، ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت، ئەكبەر ئەسەت قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ترامپنىڭ بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي تەرەپ ئامېرىكادەك دېموكراتىك بىر دۆلەتتە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ پىكرىنىڭ تارازا باسىدىغانلىقىنى ۋە دىققەتكە ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا خىتاي دونالد ترامپقا بۇ باياناتى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ بېرىدىغان باياناتى ئەمەس. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ساغلام تەرەققىيات ئەمەس، ئادالەتسىز رىقابەت ۋە زوراۋانلىققا تايانغان تەرەققىياتتۇر. خىتاي دۆلىتىنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا شەكىللەندۈرگەن مۇقىملىقى تەبىئىي مۇقىملىق ئەمەس، سۈنئىي مۇقىملىقتۇر. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈنۈشتە كۈچلۈك بولغىنى بىلەن، ماھىيەتتە ئاجىزدۇر. ئۆز خەلقىدىن قورققان، دېموكراتىك سايلامغا قۇچاق ئاچالمىغان بىر ھاكىمىيەت قورقۇنچاق بولىدۇ، بولۇپمۇ تەنقىدتىن قورقىدۇ.

خىتاينىڭ مۇشۇ باياناتىنىڭ ئۆزىلا دونالد ترامپنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ترامپ مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدىغان بولسا، سۆھبەت ئۈستىلىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، باشقا تېمىلاردا كۈتكىنىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، ھەم ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئىش قىلغان بولىدۇ، ھەم سۆھبەتتىكى باشقا تېمىلاردىمۇ ئۇتتۇرىدۇ. مەن پرېزىدېنت ترامپنىڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ كۈچلۈك پرېزىدېنتىغا خاس يول تۇتۇشىنى تەلەپ قىلىمەن ۋە ئۈمىد قىلىمەن.