ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى تۈزۈپ چىققان دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى ناملىق قوللانمىدا ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلاشنىڭمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكتىن بېشارەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر رايونىدا 2014-يىلى باشلانغان «بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش» ۋە «ئەسەبىيلىكنى تازىلاش» ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇيغۇر رايونى بويىچە نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسىلگەنلىكى، يەنى ئاتالمىش جىنايەتلىرى خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرى كاتېگورىيەسىدە سىر تۇتۇپ كېلىنىۋاتقان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئەنە شۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 7 يىللىق كېسىلگەن مەھبۇس ئابدۇلمىجىت مەمەتنىڭ ئىككى خىل گۇناھى بارلىقى، بىرى ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلاش، يەنە بىرى بولسا بەش نەپەر دوستىغا 10 ناماز ئايىتىنى ئۆگىتىش ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر ئادۋوكاتلار تورىدا ئېلان قىلىنغان دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل كونكرېت ئالامىتى ناملىق قوللانمىدا، يەنى ئۇنىڭ 10-ماددىسىدا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يەنە بىر ئالامىتى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغانلار تۇيۇقسىز ھاراق-تاماكىنى تاشلاش، ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان دوست-بۇرادەرلىرى ھەتتا ئاتا-ئانىسى بىلەن باردى-كەلدى قىلماسلىق.»
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن غەيرىي، ئاجايىپ ۋە كۈلكىلىك دەپ قارالغان بۇ ماددا ئېلان قىلىنغىنىغا 2 يىلچە بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجرائاتىغا دائىر ھازىرغا قەدەر ئۇچۇر بولمىغان، ھەتتا بەزى كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر قوللانمىدىكى بۇ ماددىنىڭ پەقەت تەشۋىقات ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكىنى، بۇنداق بىر ماددىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ھەم مەنتىقىي، ھەم ئەخلاقىي جەھەتتىن مۇمكىنسىزلىكىنى بايان قىلىشقان. ئەمما بىز ئۆتكەن ھەپتە يېڭىسارنىڭ لوپ يېزىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن قارىغاندا، بۇلتۇر تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا 7 يىللىق كېسىلگەن مەھبۇس ئابدۇلمىجىت مەمەتنىڭ ئەڭ دەسلەپتە تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلىۋەتكەنلىكى سەۋەب بولغان. مەھبۇس ئابدۇمىجىتنىڭ تۇتۇلۇشىدا ساقچىلارغا ھەمكارلاشقان ۋە ئۇنىڭ سوتىغا باشتىن ئاخىر قاتناشقان كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇلمىجىت ھاراق تاشلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ ئەكېلىپ سورالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەنە بىر ئاتالمىش گۇناھى- بەش نەپەر دوستىغا ناماز ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەنلىكى «پاش» بولغان. يەنە بۇ ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايانلىرىدىن، ئۇنىڭ بىر مەسچىت ئىمامىنىڭ پەرزەنتى بولۇشى، دادىسىنىڭ دىنىي ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلىكىمۇ، ئۇنىڭ ئەسەبىيلىكنى تازىلاشتا تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.
يەنە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھاراق تاشلىغانلىقى، كەيپى-ساپا يولىدىن قول ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن گۇمانىي كۆزدە قارىلىش، تۇتقۇن قىلىنىش يالغۇز يېڭىسارنىڭ لوپ يېزىسىدىلا بولغان ئىش ئەمەس. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئۇيغۇر رايونىدىن ئايرىلغىنىغا بىر يىلچە بولغان ئارزۇگۈل نۇرمەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوخشاش ۋەقە خوتەن ۋە ئاقسۇلاردىمۇ يۈز بەرگەن.
يۇقىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ نۆۋەتتە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان نەچچە مىڭلىغان مەھبۇستىن پەقەت بىر نەپىرىنىڭلا جازالىنىش سەۋەبى ھەققىدە يەنى ئاتالمىش جىنايىتىنىڭ ھاراق تاشلاش ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
مەنبە:ئەركىن ئاسىيا رائىوسى
Leave a Comment