قاراقاش ناھىيسىدە ناھيىلىك كومىتىت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، شەرقى تۈركىستان قارىقاش ناھىيسىدىكى  ناھىيلىك  كومىتېت قوروسى 4 نەپەر كىشى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۆكىمەت خادىملىرىدىن 1 كىشى ئۆلۈپ 3كىشى يارىلانغان، 4 نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچى ئېتىپ تاشلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھۇجمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-نچى ئاينىڭ 28-نچى كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، 4 نەپەت ھۇجۇمچى ماشىىنى ھەيدەپ ناھىيلىك كومېتىت بىناسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۆزى ياسىۋالغان پارتىلاتقۇچ قۇرۇلمىنى پارتىلاتقان، ھۇجۇمچىلار نەقمەيداندا ھەممىسى ئېتىپ تاشلانغان.  دائىرىلەر ھازىر جەمىيەت ئامانلىقىنىڭ مۇقىم ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

قاراقاش ناھىيسى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق، يەر كۆلىمى 25مىڭ 667 كىۋادىرات كىلومېتىر، ناھىيە بويىچە 4 بازار، 12 يېزا بار، نۇپۇسى 56مىڭ 880 كىشى ( بىڭتۈەندىكىلەرنى قۇشقاندا 1مىليۇن270مىڭ كىشى).

ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە يەرلىك ھۆكىمەتنىڭ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىشى، دىنى پائالىيەتلەرگە بولغان چەكلىمىلەر، ئۇيغۇرلارغا  سۆز ئەركىنلىكىنىڭ بېرىلمەسلىكى، ناھەقچىلىكنىڭ ئېشىپ بېرىشى يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا سەۋەپ بولماقتا.

 

Leave a Comment

*

*