خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بىر يىل تېررورلۇققا قارشى قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي يوسۇندا يۈرگەنلەر، تاراتقۇلاردا دىنىي مەزمۇنلارنى تارقاتقانلارغىمۇ جازا بېكىتىپ ئېغىر جازالاش، بالىلارغا ئاتا-ئانىسىنى نازارەت قىلدۇرۇش، ئاھالىلەرنى بىر-بىرىگە نازارەتچىلىككە سېلىش، مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى بېجىرىشنى يولغا قويۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، مەۋلۇت ئۆتكۈزۈشلەرنى چەكلەش، ھەتتا نەزىر-چىراغلارغىمۇ شەرت قويۇش، مۇسۇلمان دۇكاندارلارنى ھاراق، تاماكا سېتىشقا مەجبۇرلاش، مەسچىتلەرنى چېقىش، نوپۇسىغا دىنىي كىملىكىنى تولدۇرماسلىققا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەيدىغان، دىننى سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىغا قاراتقان چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ مەقسىتى ۋە بېرىدىغان نەتىجىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، گېرمانىيەدىكى دىنىي زىيالىي، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئاشقۇن سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكۈزەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ قارشى قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى ئېتىراپ قىلماي، ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ كەلگۈسى ئۈچۈن قۇرغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» غا ئوخشاش بۈيۈك پىلانلىرىنىڭمۇ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن بىرلىكتە تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇڭ.
Leave a Comment