چاقماق خەۋەر: ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلى تىندى، تېررورچىنىڭ ھەقىقىي كىملىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

رېئانا كۇلۇبىنى قانغا بويۇپ. 39 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورچىنىڭ مەخپىي ئىسمىنىڭ «ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى» ئىكەنلىكى، ئىككى ئاي ئىلگىرى سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگەنلىكى مۇئەييەنلەشتى.

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «ساباھ گېزىتى» ئىستانبۇلدا بىر كەچلىك كۇلۇبتا 39 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورچىنىڭ كىملىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلارنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

رېئانا كۇلۇبىدا قەتلىئام ئېلىپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن خائىننىڭ مۇئاۋىنى قولغا ئېلىندى

 رېئانا كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىنى كۇلۇب بار جايغىچە ئېلىپ بارغان تەكسى شوپۇرىنىڭ تېلېفون ئارخىپىدىن تېررورچىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى. دائېشنىڭ شەھەر ئىچى ھۇجۇمچىلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋە مەخپىي ئىسمى «ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى» دېيىلىدىغان تېررورچىغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى دائېشنىڭ ئاتالمىش ئىستانبۇل ئەمىرى «خوجا ئاكا»نىڭ چۈشۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى.

رېئانا كۇلۇبىنى قانغا بويۇپ. 39 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورچىنىڭ مەخپىي ئىسمىنىڭ «ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى» ئىكەنلىكى، ئىككى ئاي ئىلگىرى سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگەنلىكى مۇئەييەنلەشتى.

تېلېفون ئارخىپلىرىغا كۆرە، تېررورچى تەكسى شوپۇرىنىڭ تېلېفونىنى ئارىيەت ئېلىپ، دائېشنىڭ ئاتالمىش ئىستانبۇل ئەمىرى «خوجا ئاكا»ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بىلەن كۆرۈشكەن.

مەخپىي ئىسمى «تاجىكىستانلى يۈسۈف» دېيىلىدىغان ئاتالمىش ئىستانبۇل ئەمىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئىلياس موموشارىپوۋ قولغا ئېلىندى.

تەكسى شوپۇرى پۈتۈن تەپسىلارنى ئېيتىپ بەردى

ئۇستانبۇل ئورتاكۆيدە يېڭى يىل كېچىسى كېچىلىك كۇلۇبقا كالاشىنكوف بىلەن بېسىپ كىرىپ، 39 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 65 كىشىنى يارىدار قىلغان تېررورچىنىڭ كىملىكى ھەمدە ئىستابۇلدىكى ئالاقە تورى ئاشكارىلاندى. ئىستانبۇل تېررورلۇققا قارشى كۈرەش شۆبىسى ۋە ئىستىخبارات ئەترىتى 71 سىنئالغۇ ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېررورچىنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا 300 مېتىر قالغان يەردە چۈشۈرۈپ قويغان تەكسىچىنى تېپىپ چىقتى.

تەكسى شوپۇرى ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن 3-4 سائەت ئۆتمەيلا قولغا ئېلىندى. تەكسى شوپۇرى تېررورچىنى زەيتىنبۇرنۇدىن ئېلىپ، ساھىل يولى ئارقىلىق ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي قورال ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇ جايدىن قاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئىستانبۇل تېررورلۇققا قارشى كۈرەش شۆبىسىدە سوراققا تارتىلغان تەكسى شوپۇرى: «ئۇنىڭ تۈركچىسى بەك ئاجىز ئىدى. مەندىن تېلېفونىمنى ئارىيەت ئېلىپ، بىر – ئىككى يەر بىلەن كۆرۈشتى. مەنمۇ چۈشەنمەيدىغان، ئەرەپچىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تىلدا سۆزلەشتى. ئاندىن تېلېفونۇمنى قايتۇرۇپ بەردى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا 250 ياكى 300 مېتىر قالغان يەردە تەكسى پۇلىنى تۆلەپ چۈشۈپ قالدى» دېدى.

ساقچىلار تەكسىچىنىڭ تېلېفون ئاخىپىنى تەكشۈرۈپ، تېررورچىنىڭ قازاقىستاندا تۇغۇلغان دائېشنىڭ ئاتالمىش ئىستانبۇل ئەمىرى «خوجا ئاكا» ۋە مۇئاۋىنى (مەخپىي ئىسمى) «تاجىكىستانلى يۈسۈف» دېيىلىدىغان  ئىلياس موموشارىپوۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

ساقچىلار 3 – يانۋاردا زەيتىنبۇرنۇدا ۋە باشاقشەھىردە ئېلىپ بارغان تۇتۇش ھەرىكىتىدە تاجىكىستانلىق ئىلياس موموشارىپوۋ ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق 7 گۇماندارنى قولغا ئالدى. تاجىكىستانلىق ئىلياس موموشارىپوۋمۇ تېررورچىنى رەسىملىرىدىن تونۇدى. بۇلارنىڭ باياننامىلىرى ۋە ئالاقە تورلىرىنى بويلىغان ھالدا تۇتۇش ھەرىكىتىدە يەنە 4 گۇماندار قولغا ئېلىندى. ئېتىراپلارنى ۋە توپلىغان دەلىل – پاكىتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا خائىن تېررورچىنىڭ 1988 – يىلى تۇغۇلغانلىقىنى ھەمدە «ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى» دېگەن مەخپىي ئىسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ساقچىلار قىرغىزىستالىق دەپ بىلىدىغان تېررورچىنىڭ نويابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرگەنلىكىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ شەھەر ھۇجۇمچىلىرى قاتارىغا قوشۇلغانلىقىنى، ئىستانبۇلدا باشاقشەھىر- كاياشەھىردىكى ئادرىسىدىن 3 كۈن ئىلگىرى ئايرىلغانلىقىنى، ھۇجۇم قىلىشتىن ئەلگىرىكى 48 سائىتىنى بولسا، زەيتىنبۇرنۇدا قىرغىز يېقىنلىرىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى كالاشىنكوف قورالىدىن بارماق ئىزلىرىنىڭ ئۆرنىكى ئېلىندى. بارماق ئىزىنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ھېچقانداق ئارخىپ تېپىلمىدى. تېررورچىنىڭ ئايالى ۋە 2 پەرزەنتى كونيادا قولغا ئېلىندى. تېرروچىنىڭ تۈكىيەگە كىرگەندىن كېيىن دەسلەپتە كونيادا تۇرۇپ، كېيىنچە ئىستانبۇلغا بارغانلىقى، رۇسچە ۋە ئۆزبېكچىنى ئىنتايىن پىششىق بىلگەندىن باشقا يەنە، ئەرەپچە ۋە تۈركچىمۇ سۆزلىشەلەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش ئىستانبۇل ئەمىرى «خوجا ئاكا»دىن ئالغان تېررورچىنىڭ مەلۇم بىر مەخپىي ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتىروللۇقىدا ھەرىكەت قىلغانلىقى ھەمدە قېچىشتىمۇ ئۇ مەخپىي ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش ئىستانبۇل ئەمىرى «خوجا ئاكا»نى ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرىمۇ داۋاملاشماقتا.

«ساباھ گېزىتى»نىڭ بۇ خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار تېررورچىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنىڭ ئوتتىرىغا چىققانلىقىدىن چوڭقۇر خۇشاللانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەنبە: تۈركىيە رادىئو تىلىۋىزىيسى خەۋرى

Leave a Comment

*

*