يېقىندا خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىمدىن دەم ئېلىشقا چىققان بىر سابىق ساقچىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىلا مىڭدىن ئوشۇق توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇلار ئىچىدىكى بىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئالدىن پىلانلانغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەس، بەلكى يەرلىكنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن بىر ۋەقەلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ساقچىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ رايوندىكى ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئاسىيا خەۋەرلىرى» ناملىق تور گېزىتىدە ئۆتكەن جۈمە كۈنى «شىنجاڭدا بىر يىل ئىچىدە 1000 دىن ئوشۇق توقۇنۇش يۈز بەردى» ماۋزۇسىدا بىر خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ خەۋەر خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى» ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئۇچۇرنى ئۇيغۇر ئېلىدا مەخسۇس توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوراللىق ساقچى قىسمىدىن دەم ئېلىشقا چىققان بىر سابىق ساقچى تەمىنلىگەن ئىكەن. ئۇ سابىق ساقچى خوڭكوڭدىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە مىڭدىن ئوشۇق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، پەقەت قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ 150 قېتىم ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ سۆزى جەريانىدا ئۆتكەن يىل 22-ئىيۇن كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋە رادىيومىز تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ دۇنياغا ئاشكارىلانغان «تاختا كۆۋرۈك» ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە ۋەقەنىڭ خىتايدىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلغاندەك «ئالدىن پىلانلانغان زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكىتى» ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسلى بىر نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈندىكى ۋەقەدە ئاتاۋۇللا داۋۇت باشچىلىقىدىكى بىر جەمەت كىشىلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 15 كىشى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى بۇ ساقچىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئېيتقانلىرى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى : «مەنچە ناھايىتى دىققەت قوزغايدىغان بىر خەۋەر ئىكەن. دېمەك بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە بەرگەن رەسمىي ئىزاھاتىدىن پەرقلىق بىر بايانات ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ھەممىمىز بىلگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئالدىن پىلانلانغان تېررورلۇق ھۇجۇمى دەيدۇ، ئەمما باشقا ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ساقچىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكى تەستىقلىنىشى كېرەك. ئەمما بىز بۇرۇن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىنمۇ بۇنى بىلىمىز، يەنى ئۇ يەردە بىر نامايىش بولغان ۋە ئۇ نامايىشلار قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئىسىم قويۇلغان. بۇ يەردە مۇھىم بولغان نەرسە خەلقئارادىكى ئالاقىدار قانۇن ماددىلاردا تېررورلۇقنى بەلگىلەشتە ئوچۇق -ئاشكارىلىق ۋە ۋەقەگە سەۋەب بولغان قوزغاتقۇچ ئامىل ئىنتايىن مۇھىم دېيىلگەن. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق ۋەقەلەردە ئوچۇق -ئاشكارا بولۇشىنى، رايوننى پۈتۈنلەي تاقىۋالماسلىقىنى، ۋەقەلەرنى قوراللىق باستۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ نارازىلىقنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلەش ئىمكانى بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.
«ئاسىيا خەۋەرلىرى» تور گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئىسلامى تېررور گۇرۇپپىلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ۋەقەلەرنىڭ قارىماققا بەك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەردە داۋاملىق ئىسلامچى تېررورچىلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ» دەپ بايان قىلغان. ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋە تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىدە گۇمان قوزغاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، ئالدىنقى ھەپتە چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرى ئۇچۇر تارقىتىپ، خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە «بىر ئوچۇم تېررورچىلارنىڭ پىلانلىق ھالدا قاراقاش پارتكوم بىناسىغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغانلىقى» نى خەۋەر قىلدى. ئاسىيا خەۋەرلىرى گېزىتى ئۇيغۇر ئېلىغا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بېرىشى چەكلەنگەن بولغاچقا، قاراقاشتىكى ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ زادى نېمىلىكىنى بىلىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بايان قىلغان. ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ «قاراقاشتا يۈز بەرگەن ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلدى. ئەلۋەتتە بۇنى ئېنىق ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق مەنبە يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم تىنچ ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنىمۇ تېررورلۇق ۋەقەسى دېگەن بولغاچقا، ھېچقانداق خەلقئارا ئاخبارات ئورگىنى بۇ خەۋەرگە جىددىي قارىمىدى. ھەتتا ھۆكۈمەتلەرنىمۇ مىسالغا ئالايلى، ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت چىقىپ، بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلىمىدى. مانا بۇ،خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى. ئۇ شۇنداقلا سۆزىدە، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلاشقاندا مانا بۇ مەسىلىنى كۆز ئالدىدا تۇتۇپ تۇرۇپ خىتايدىن ئوچۇق -ئاشكارا بولۇشنى، ئۆزلىرىنى ھەقىقىي پاكىتلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، دېدى.
Leave a Comment