ئۈرۈمچىدىكى ئىككى يىغىنىدا «مەركىزى خىزمەت مۇقىملىق» دەپ تەكىتلىنىشى دىققەت قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 8-يانۋار، ئۈرۈمچى.

8-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلدى. خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئىككى يىغىندا «ئۇيغۇر رايوندا مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەركىزى خىزمەت» دەپ تەكىتلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنلاردا 2010-يىلىدىكى «شىنجاڭ خىزمەت» يىغىنىدىن بۇيانقى «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇقىملىقنىڭ ئاساسى» دېگەن مۇقامىنى «رايوندا مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەركىزى خىزمەت» دەپ ئۆزگەرتىشى، «چېن چۈەنگو ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ تېخىمۇ ئاشكارا، تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى» دېيىشكە بولىدىكەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىدە 9-يانۋار ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان «بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلايلى» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ماقالىسى ۋە 9-يانۋار خەلق تورىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى نىشاننى چۆرىدەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» ماۋزۇلۇق خىتاي تىلىدىكى تەپسىلىي خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات پىلانىدا «مۇقىملىقنى ساقلاش ئاساسىي مەقسەت، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك ئاساسىي نىشان» قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

دائىرىلەرنىڭ 2017-يىل كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئىككى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق پىلاندا «مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نىشان ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكىتلىنىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

مەركىزى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىملار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 8-يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئىككى يىغىنىغا ۋە يىغىندا «مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش» شوئارىنىڭ تەكىتلىنىشى جىددىي دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاشكارا ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا،«تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى پەدازلاپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا «مۇقىملىقنى ساقلاش ئاساسىي مەقسەت، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك ئاساسىي نىشان» دېگەن شوئارنى يالىڭاچ كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللىي باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەمەلدار چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيانقى ۋەزىيەت ھەققىدىمۇ توختىلىپ، چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «قوشماق تۇغقان بولۇش، ئىناقلىقتا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش» نامىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئاگاھلاندۇردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاي مىللىتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقادى نەزەرگە ئېلىنمىغان، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرى ئاياق ئاستى قىلىنغان بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش خاھىشى ئېغىر بولغان مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان بولۇش، ئىناقلىق سىياسىتى» ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا دائىرىلەر ئارزۇ قىلغان مۇقىم، ئىناق ۋەزىيەت ئەمەس، ئەكسىچە رايوندىكى نارازىلىقنى كۈچەيتىپ ۋە قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىغان» لىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ رايونغا بەلگىلەنگەن ئەمەلدار چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېچىلغانلىقى دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،، ئىككى يىغىندا «مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» نىڭ ئاساسىي نىشان دەپ تەكىتلىشى، ئەمەلىيەتتە يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ رايوندا ئىلگىرىكى ئەمەلدارلاردىنمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە خىزمەت كۆرسىتىش تاماسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شوئارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم ئۆز پىكرىنى تەكىتلەپ: «ئىلگىرىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاشلا چېن چۈەنگونىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يېڭى شوئار بىلەن پەردازلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما چېن چۈەنگونىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىنىڭمۇ ئىلگىرى ئەمەلدارلاردىن ۋاڭ لېچۈەن ۋە جاڭ چۈنشەن دەۋرىدە رايوندا يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئوخشاشلا ئۈنۈمسىز سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم بايانىدا بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئىككى يىغىندا «كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىدا مۇقىملىقنى مەقسەت قىلىش، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى نىشان قىلىش» شوئارلىرى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭسىز سىياسىتى ۋە مىللىي دىنىي باستۇرۇشىغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى ئازايتىپ، يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلگەن رايوندىكى مۇقىمسىز ۋەزىيەتنى ئوڭلاشقا ئۇرۇنۇش، بۇ ئارقىلىق خىزمەت كۆرسىتىپ،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشى بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئارمان قىلغان «مۇقىم ۋەزىيەت ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» نىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەنبە:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*