1-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «س ن ن تۈرك» ۋە «خابەر تۈرك» قاناللىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.
تونۇلغان ژۇرنالىست خاقان چەۋىك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان «ھافتا سونۇ»، يەنى «ھەپتە ئاخىرى» ناملىق پروگراممىدا پېنسىيەگە چىققان باش ئەلچى ئۈنال چەۋىكۆز ئەپەندى بىلەن تونۇلغان ھەربىي ئىشلار مۇخبىرى جۇشقۇن ئارال ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.
پروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ جۇشقۇن ئارال ئەپەندىدىن «ئىستانبۇلدىكى رېينو رېستورانىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى؟ ئورتا ئاسىيا نېمە بولۇپ تېررورچىلىق بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىشقا باشلاندى؟»دەپ سورىغان سوئالىغا جۇشقۇن ئارال ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇ يەرلەرگە قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتا سىياسىتى تۈپەيلىدىن دىنى ئېتىقادنى توغرا يولدىن ئۆگىنەلمىگەچكە، ئوخشىمايدىغان گۇرۇھلار تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىن ئاسانلا بەزى تەشكىلاتلار پايدىلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا بىز تېررورغا قارشى كۈرەشنى پەقەت ئۆز دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.»
خاقان چەلىك ئەپەندىنىڭ «ئۇنداقتا بۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى تېررور ۋەقەلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە كافكازىيەدىن كەلگەن تېررورچىلارنى كۆپرەك كۆرىمىز دېگىلى بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا پېنسىيەگە چىققان باش ئەلچى ئۈنال چەۋىكۆز مۇنداق جاۋاب بەردى: «تېررور ۋەقەلىرىدە كافكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەب ئەڭ مۇھىمى بۇ رايونلاردىكى دارامەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بۇ رايوندا باي بىلەن كەمبەغەل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق زورىيىشقا باشلىدى. بازار ئىقتىسادىغا ئۆتكەندىن كېيىن كەمبەغەل بىلەن باي ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كۆپىيىشكە باشلىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تېررورچىلارنى كەمبەغەل، ئوقۇمىغان ياشلارنىڭ ئىچىدىن تاللىماقتا. پەقەت ئورتا ئاسىيادىنلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىن دائېشقا قاتنىشىۋاتقان تېررورچىلارنىڭ كۆپى كەمبەغەل، نادان ۋە ئوقۇمىغان كىشىلەردىن تاللانغان».
جەڭ مۇخبىرى جۇشقۇن ئارال ئەپەندى 1990-يىللاردا تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى، قەشقەرگە بېرىپ كۆرۈنۈشلەرنى تارتىپ كەلگەن كىشىدۇر. ئۇ، «س ن ن تۈرك» تە تارقىتىلغان «ھەپتە ئاخىرى» پروگراممىسىدا بۇندىن 27 يىل بۇرۇنقى قەشقەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «1990-يىللار، قەشقەر، مەن ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك ئەلچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن خىتاينى كۆپ ئايلانغان ئىدىم. شەرقىي تۈركىستان راستىنلا گۈزەل بىر زېمىن. مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتتىن بىزگە ئەڭ يېقىن جاي. ئۇيغۇر تىلىمۇ تۈركچىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇلاردىن باشقا ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىك› ناملىق ئەسەرلەر يېزىلغان جاي».
جۇشقۇن ئورال ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بەك ياخشى كۆرىدۇ. تونۇلغان تۈرك يازغۇچى ياشار كامالنىڭ كىتابىنى قەشقەردىكى كىتابخانىلاردا كۆردۈم. ئەپسۇسكى تۈركىيە دۆلىتى ئۇ يەرلەرگە كۆڭۈل بۆلەلمىدى. بەلكى تۈركىيە سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدەك خىتاي دۆلىتى خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ دەپ كىرمىگەن بۆلىشى مۇمكىن».
جۇشقۇن ئارال ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ خاتا سىياسىتى تۈپەيلىدىن دىنىنى ئۆگىنەلمەسلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە خىتاينىڭ خاتا سىياسىتى بىلەن دىنىي بېسىمنىڭ كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قالايمىقان تەرىقەتلەرگە يۈزلىنىشتۇر. دىننىڭ چەكلىنىشى ۋە دىننى توغرا مەنبەلەردىن ئۆگىنەلمەسلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە. بۇ خىل ئەھۋال دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كۆپىدە مەۋجۇت».
بۇ پروگراممىدىن باشقا يەنە «خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان «زەيتىنبۇرنۇدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا» ماۋزۇلۇق پروگراممىدا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى. پروگراممىدا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان زىيارەت قىلىنغان. ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىردەك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ ئەركىن ياشاش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەنلىكى، تېررورلۇققا قارشى ئىكەنلىكى، ئىستانبۇلدىكى رېينا رېستورانىدا 39 كىشى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان «ئۇيغۇرلار قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلەردىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقى، قىرغىزىستان گراژدانى ئۆزبېك قىلغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بىرئاز خاتىرجەم بولغانلىقىنى ھەم تېررورلۇققا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت بىردىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئىستانبۇل رېينا رېستورانىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 39 كىشى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مەتبۇئاتلاردا پەيدا بولغان بۇ ھۇجۇمنى «ئۇيغۇرلار قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گۇمانلار ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيەدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ تېلېۋىزىيەلەردە ئارقا-ئارقىدىن مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلاندى.
مەنبە:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment