تەيۋەندىكى «تەيۋەن ئىتتىپاق بىرلىكى» پارتىيەسىنىڭ يىللىق پىلان يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

6-يانۋار تەيۋەننىڭ مەركىزى تەيبىيدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەيۋەن ئىتتىپاق بىرلىكى»پارتىيەسىنىڭ يىللىق پىلان يىغىنىغا ۋە كەچلىك ئىئانە توپلاش زىياپىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

تەيۋەندە تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان سىياسىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «تەيۋەن ئىتتىپاق بىرلىكى» پارتىيەسىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىغا ۋە كەچلىك ئىئانە توپلاش زىياپىتىگە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتكە يەنە تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ باش كاتىپى لىڭ جېجا،تەيۋەندە تونۇلغان مەشھۇر سىياسەتچىلەردىن خۇاڭ كۇڭخۈي ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان.

پائالىيەت ئەتىگەن سائەت ئوندىن كەچ سائەت سەككىزگە قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا كۆپ سانىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «تەيۋەن ئىتتىپاق بىرلىكى» پارتىيەسى ياشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى خۇ ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: «پارتىيەمىز شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاش ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەيۋەندە تەشۋىق قىلىش يۈزىسىدىن پائالىيىتىمىزگە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلدۇق» دېدى.

تەيۋەننىڭ مەركىزى تەيبېيدىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان «تەيۋەن ئىتتىپاق بىرلىكى» پارتىيەسىنىڭ بۇ پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تەيۋەن ئىتتىپاق بىرلىكى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا مەزكۇر پارتىيەنىڭ كەلگۈسى تەيۋەندە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «پارتىيىمىز كەلگۈسى پىلانلىرىدا شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەيۋەندە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتەك بىر تۈركۈم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش پىلانى بار شۇنداقلا تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە» دېدى.

مەزكۇر پائالىيەتتە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۆزىنىڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان بەزى بىر تەكلىپلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتتە «تەيۋەن ئىتتىپاق بىرلىكى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ليۇ يىدې ئەپەندى سۆز قىلىپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ ۋە شۇنداقلا شەخسەن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، «تەيۋەن ئىتتىپاق بىرلىكى» پارتىيەسى 2017-يىللىق خىزمەت پىلانىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىش، تەيۋەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «تەيۋەن ئىتتىپاق بىرلىكى» پارتىيەسى 2001-يىلى سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتى لى دىڭخۈي تەرىپىدىن قۇرۇلغان سىياسىي پارتىيە بولۇپ، مەكزۇر پارتىيەنىڭ بۈيۈك نىشانى تەيۋەننى مۇستەقىل دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ياپونىيەدىكى بەزى بىر ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەيۋەندە تونۇتۇشتا ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*