مەلۇمكى، بىر ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-ۋە 90-يىللىرى ئۆز تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. ئەمما كېيىنكى يىللىرى بىر قاتار تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزدى.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەنە شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ياش ئىجادكارلار بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى زامان روھىغا جاۋاب بېرىۋاتامدۇ؟ ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىنىۋاتامدۇ؟
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ پىكرىچە، ياش يازغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆز ئالدىدا ھەم ئومۇمەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئالدىدا تۇرغان ۋەزىپىلىرىنى ياخشى چۈشىنىشى، بۇنىڭغا جاۋابكارلىق بىلەن قارىشى لازىمدۇر. ئە. ھاشىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ياشلار ئەدەبىياتىغا قىلغان ئەڭ چوڭ غەمخورلۇقلىرىنىڭ بىرى يۇقىرى تەلەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «پەقەت قاتتىق تەلەپتە ئۆگىنىش بىلەن، بىزنىڭ تالانتلىق ياشلىرىمىز كۆپ مېھنەتنى تەلەپ قىلىدىغان ماھارەتنى ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ. ياش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى ئالدىمىزدا تۇرغان چوڭ ۋەزىپىلەرگە جەلپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى قەھرىمان زامانداشلىرىمىزنىڭ قىياپىتىنى بەرپا قىلىش بۇرچىدۇر. ھەقىقىي مىللىي ئەدەبىياتقا مۇھەببەت باغلىغان ئالىي بىلىملىك، مۇستەقىل قازاقىستان ياشلىرى مولۇتجان توختاخۇنوف، شائىرەم باراتوۋا، ۋىليام مولۇتوف ۋە باشقىلاردۇر.»
ئە. ھاشىرى يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ياش يازغۇچىلارنىڭ بىر قاتار جۇمھۇرىيەتلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ئايرىم شېىرىي توپلاملىرىنى نەشر قىلغان ھەم ماۋزۇلار داىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئوي-سېزىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن كەڭ كىتابخان ئاممىسىغا ياخشى تونۇلغان يازغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى يېنىدىكى «قۇتادغۇ بىلىك» ئەدەبىي بىرلەشمىسىدە يازغۇچىلىق ماھارەت دەرسىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ياشلارنىڭ ‹ئارزۇ بۇلاقلىرى› دېگەن توپلىمى بار. بۇ توپلام ھازىرچە چىققىنى يوق. ئۇنىڭغا مۇمكىنچىلىكىمىز يوق. ئومۇمەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى دۆلەت تاپشۇرمىسى بىلەن چىقمايۋاتىدۇ. ياشلارغا قانداق غەمخورلۇق كۆرسىتىلىۋاتىدۇ دېگەندە، تالانتلىق شائىر ۋىلايام مولۇتوف جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت مۇكاپاتىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار شۇنداقلا چوڭ تەنتەنىلەرگە، مۇشائىرىلەرگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. يورۇق كۆرگەن كىتابلارنىڭ كۆپى تىجارەتچىلەر ئارقىلىق چىقىۋاتىدۇ. بۇمۇ ئۇزاققا بارماس دەپ ئويلايمەن. دېمەك ئەدەبىياتىمىز يۇقىرى باھاغا ئىگە ئەمەس. كېلەچەكتە ئۇنداق باھاغا ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئويلار بار.»
تالانتلىق شائىر ئىلاخۇن جەلىلوف ياشلار ئەل كېلەچىكى بولغانلىقتىن، ئۇلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىلگەن، ۋەتەنپەرۋەر شەخسلەر قىلىپ تەربىيىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ياش ئىجادكارلارغا غەمخورلۇق، مەسلىھەت، يوليورۇق كۆرسىتىش كېرەك. چۈنكى ھەر قانداق تالانتمۇ غەمخورلۇققا موھتاج بولىدۇ. بۇ جەھەتتە كېڭەش ئەدەبىياتىدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئورۇنلۇق. ئۇ چاغدا ياشلارنىڭ بىرەر ئەسىرى مەتبۇاتتا يورۇق كۆرۈپ قالسا، بۇ چوڭ ۋەقەگە ئايلىنىپ، ئۇ ئەدەبىيات پېشۋالىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئېلىناتتى. ئۇلار ئۆز تەجرىبىلىرى بىلەن ئورتاقلىشاتتى. ياشلارمۇ يىغىنچاقلىققا، ئۆگىنىشكە، تىنىمسىز ئىزدىنىشكە تىرىشاتتى. شۇڭلاشقا ياش ئىجادكارلار سىناق مەكتىپىدە چېنىقىپ، ئەسەرلىرىمۇ سۈپەتلىك چىقاتتى. ھازىر يازغۇچىلارمۇ، شائىرلارمۇ كۆپەيدى. بۇ خۇشال بولارلىق ھالەت. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا كۆپچىلىكى ‹خەپ› دېگۈزۈپمۇ قويىدۇ. مەن كۆپتىن بېرى ئىجادىنى بايقاپ يۈرگەن ياش شائىرلارمۇ بار.»
ئى. جەلىلوف بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە ۋىليام مولۇتوف، ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف، شائىرەم باراتوۋا، تەقدىر ئوكتەبروف قاتارلىق ياش شائىرلارنىڭ ئالدىنقى سەپتە كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقنى كۈچەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كېيىنكى ئەۋلادنىڭ تالانتلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى، يازغۇچى ۋە شائىر تېلمان نۇراخۇنوف ياش ئىجادكارلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە يېڭى زامان كۆرۈنۈشلىرىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى، تەقدىرىگە بېغىشلانغان شېىرلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداقلا ۋ. مولۇتوف، ش. باراتوۋا ئوخشاش توپنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان تالانتلىق ياش ئىجادكارلارنى شېىرىيەت ساھەسى بويىچە شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان كەسپىي شائىرلار دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ھازىرقى شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ھەۋەسكار شائىرلار دەپ ئاتىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ يىلى كىتابى چىقسا، 4-5 يىللاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ كىتابلىرى چىقامدۇ، يا چىقمامدۇ دېگەن مەسىلىمۇ تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدە دېگەن چاغدا، ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىنى كۆرسىتىدىغان بىر مەتبۇئاتنىڭ يوقلۇقى ياكى كەملىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ياشلىرىمىزنىڭ ھەر خىل ساھەلەردە ئىشلەۋاتقانلىقى ».
ت. نۇراخۇنوفنىڭ پىكرىچە، ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پروزا ساھەسىدە ئىجاد قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا بولۇشى. ئۇ چوڭ ئەۋلادلار، يەنى ئەللىك ياشتىن يۇقىرىدىكىلەر ئارىسىدا بۇ ساھەدە ئىجاد قىلىۋاتقان ئەدىبلەر بولسىمۇ، لېكىن ئەللىكتىن تۆۋەن ياشتىكىلەر ئىچىدىن ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىشنىڭ بەك قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەتتا ھېكايە ياكى نوۋېللىلار بىلەنمۇ مەۋسۇملۇق ياكى مەتبۇئاتلاردا كۆرۈنۈۋاتقان بىرەر ياش يازغۇچىمۇ يوق. بۇ، ئەلۋەتتە، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋاكالەتلىك قىلىش بۇ كېلەچەك ياشلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا، تالانتىغا باغلىق. ئەگەر جىددىي شۇغۇللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ يازغانلىرىنى كۆپچىلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلىپ، شۇلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلىسە، دېمەك ئەتىكى كۈندە ئەدەبىياتىمىزدا بىر نامايەندە پەيدا بولدى، دەپ ئېيتالايمەن».
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇ ساھەسىدە ئىلگىرى زىيا سەمەدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، تۇرغان توختەموف ئوخشاش ئاتاقلىق يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ سالماقلىق ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ھازىرقى كۈندە بۇ يۆنىلىشتە ئەخمەتجان ھاشىرى، ئالىمجان باۋدىنوف، گۈلبەھرەم خوشايېۋا، ئاۋۇت مەسىموف، تېلمان نۇراخۇنوف قاتارلىق بىر توپ يازغۇچىلار ئۈنۈملۈك ئىشلىمەكتە.
مەنبە:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment