ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىندى

15-يانۋار ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر، بىر قىسىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۋىتىر، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىش، ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىل 15-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 3 يىل تولغان خاتىرە كۈنىدە، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەرنىڭ، دادىسى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان باياناتىنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتى ۋە تۋىتىر، فېسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى.

جەۋھەر مۇراجىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قەلىمى ۋە تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا ناھەق تۈرمىگە تاشلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە، غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر جازاسىغا ئۇچرىغان دادىسى ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

15-يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىدە يەنە، فېيسبوك ۋە تىۋىتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار نامىدا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش باياناتلىرى ئېلان قىلىندى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تۋىتېر تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا «قەلىمى ۋە نۇتقىغا تايىنىپ ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتايدا ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى تەنقىدىي پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەر جازالانماقتا. خىتايدىكى بۇ خىل ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى كېرەك» دەپ يازغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى 2015-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا بىر يىل بولغان خاتىرە كۈنىدىمۇ بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى باياناتتا يانۋار ئېيىنى تىنچلىق ئەلچىسى ئىلھام توختى ئېيى قىلىپ بېكىتىپ، تور بېكىتىدە ئىمزا توپلاش، شىۋېتسىيە پارلامېنتى، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بۇ ھەقتە ماتېرىيال يوللاش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئىلھام توختىنىڭ ناھەق ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولۇشىغا قارىتا جامائەت پىكرى توپلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى.

گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىدا تەشەببۇسكار بولغان ئامېرىكىدىكى «خىتايدا ئۆزگىرىش» تورىنىڭ ساھىبى ساۋ ياشۆ خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ 15-يانۋار ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتى ۋە 2017-يىلى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان بايانات ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنى ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىدەك بىر زىيالىينى قاماقتىن دەرھال قويۇپ بېرىش، ئۇنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساۋ ياشۆ خانىم بولسا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ساۋ ياشۆ خانىم مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئىلھام توختى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۈرمىدە ئۇچرىغان قىيىن-قىستاقلىرى، ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى ۋە بالىلىرىغا بولغان روھى ۋە ئىقتىسادىي بېسىملار قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا داۋاملىق دوكلات يوللاش، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، نۆۋەتتە پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان رېئال خىتاي ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەتشۇناس پروفېسسورى ئېللىئوت سپتېرلىڭ ئەپەندى نۆۋەتتە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئېللىئوت ئەپەندى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقان مەسىلىگە ئايلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئېللىئوت ئەپەندى مۇنداق دېدى:» ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھازىر خەلقئارالاشقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنى ھوقۇق دائىرىسىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، تىنچلىق يولى ئارقىلىق ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلغان بىر زىيالىينى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلدى. بۇ ئادالەتسىزلىك! يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلماقتا،كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى تۇتقۇن قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە كېلىش بىلەنلا قالماستىن بەلكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە كۈن تەرتىپكە كېلىشى كېرەك.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ 2017-يىلى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ 2017-يىللىق پائالىيەت پىلانىدا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر جەھەتتە كەمسىتىلىشى، كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە ياۋروپا بىرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە دوكلاتلار سۇنۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەققىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى تىنچ يول بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزى قول قويغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ۋە خىتاي قانۇن نىزاملىرىغىمۇ خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*