ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەتسىدىق ئۇراھىمنىڭ دادىسى ئۇ قوساقتىكى ۋاقتىدا ۋاپات بولىدۇ. بۇ دۇنياغا دادىسىز كۆز ئاچقان سەبىي مەتسىدىقنى ئۇنىڭ خوتەن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىغا قاراشلىق يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئانىسى تۇردىخان ئاچا تەربىيەلەپ قاتارغا قوشىدۇ.
خوتەندىكى ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇردىخان ئاچىنىڭ بىر قىز، ئىككى ئوغلى بولۇپ، مەتسىدىق بالىلارنىڭ كەنجىسى ئىكەن.
ئۇ، 2009-يىلى خىتاي-ئۇيغۇر يېقىنقى دەۋر مۇناسىۋەت تارىخىدىكى مىسلىسىز زور كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇش-«5-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن سەل بۇرۇن ئۈرۈمچىگە كەلگەن.
ئۇنىڭ كونكرېت قايسى كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ دېلوسىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شۇ ۋەقە سەۋەبلىك سوتلانغان ھەم ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. دېلودىن خەۋەردار كىشىلەر، ئۇنىڭ «ئاپتوبۇس ئۆرۈشكە قاتناشقان» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە شۇ يىلى ئەمدى 18 ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېرىيە ناھىيەسى كۆكيار يېزىسىنىڭ بىر يەرلىك كادىرى، مەتسىدىق ئۇراھىمنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دە مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى دەللىلىرى. ئەمما دېلونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى خالىمىدى.
كادىر: ئۇنىڭ (تۇردىخاننىڭ) بالىسى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دە مۇددەتسىز كېسىلگەن. ئاشۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ماشىنا ئۆرۈۋېتىپتۇ، بۇلاڭچىلىق قىلىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان مەن. ئۇ بالىنىڭ ئىسمى مەتسىدىق ئۇراھىم. ئەمدى ئۇقمىدۇق بىز، ئاشۇ يەردە قاتنىشىپتىكەن، دېدى.
مۇخبىر: ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر دەيدىغۇ، ئىقتىسادى ئەھۋالىنى. ئۇلارغا ياردەم قىلمايۋاتامسىلەر ياكى سىياسىي مەسىلىسى بار، دەپ (چېكىنىۋاتامسىلەر)؟
كادىر: ھەئە، ئىقتىسادى ئەھۋالى ئېغىرراق. بىراق ياردەم قىلدۇق. تۆۋەن تۇرمۇشقا تىقىپ قويدۇق. بۇ يەردە يەنە، ئۇن،ياغ كېلىپ قالسا بېرىمىز يەنە. بىز ئەمدى ماۋۇلارنىڭ بالىلىرىغا كەلسە، ماۋۇ بىزنىڭ دادۈينىڭ ئىقتىسادى بىر ئاز بوش ھازىرچۇ. ئەمدى ماۋۇ يۇقىرىغا تۆۋەن تۇرمۇش، نامرات ئائىلىلەرگە تىقىپ ئۇلارنى، ئەمدى ماۋۇ پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىۋاتىمىز. ساناتورىيەلەردىن ئۇن، ياغ، گۈرۈچ كەلسە، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق، دەپ چېچىپ بېرىۋاتىمىز،بايراق ئىدارىلەرگە.
مۇخبىر: بۇ بالىسىنى كۆرۈشكە بارامدۇ پات-پات ياكى (بارالمامدۇ)؟
كادىر: باردى، باردى. يىلدا بىرەر قېتىم بارىدۇ. ھەئە، يىلدا پۇل تاپسا، بىر-ئىككى قېتىم بارىدۇ.
مۇخبىر: نېمە ئىش قىلىدۇ (تۇردىخان ھەدە)؟ تېرىچىلىق قىلامدۇ ياكى باشقا ئىش-ئوقەت قىلامدۇ؟
كادىر: ئاشۇ بوستان تەرەپتىكى يولدا پارچە-پۇرات مۇنداق، نەشپۈت، ئالما بىر نەرسىلەرنى ساتىدۇ.
مەزكۇر يېزا كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،«سىياسىي مەسىلىسى بار ئائىلىلەر»گە ئالاھىدە تەكشۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغان. ئۇ، مەتسىدىق ئۇراھىم ئولتۇرۇشلۇق يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدە «سىياسىي مەسىلىسى بار» 6 ئائىلە بارلىقىنى بىلدۈردى.
كادىر: سىياسىي تەكشۈرۈش بار ئائىلىلەرگە ئەمدى، بىزدە 6 ئائىلە بار، بىزنىڭ كەنتتە 6 ئائىلە. بۇلارنىڭ تۆتى ئۆي سېلىپ بولدى. ئىككى ئائىلە ئۆي سېلىقسىز. ماۋۇ نۆۋەت ئاشۇ ئائىلىلەرنى ماۋۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئەمدى ئاشۇ ئائىلىلەرگە يېقىنلىشىش، دەپ ئەمدى ئۇلارغىمۇ يوللاپ بەردۇق.
مۇخبىر: ئۇلار پاختا ئۈزۈشكە چىقالامدۇ؟ مەسىلەن، ماۋۇ ئاقسۇ تەرەپلەرگە بېرىپ، پاختا ئۈزىدىغان ئىشلارغا يول قويۇۋاتامسىلەر ئۇلارغا. بۇ يىل قانچىلىك ئادىمىڭلار چىقتى؟
كادىر: ۋاي، چىقىدۇ، چىقىدۇ. بۇ يىل 170 چە ئادەم چىقتى. بۇ يەردىن چىقىپ مەسلىھەتنامە تۈزۈپ، مۇقىملىق جەھەتتە. قالايمىقان ئىشلارنى قىلمايسەن، ئۇ قىلمايسەن، بۇ قىلمايسەن، دەپ سىياسەتنامە تۈزۈپ قىلدۇق. بەلكى، كېلىپ بولدى، ئۇ ئادەملەر خاتىرجەم. قايتىپ كەلسە، سۆھبەتلىشىپ ئۇلار بىلەن.
مۇخبىر: خېلى بىر نېمە تېپىپ كەلگەندەك قىلامدۇ؟ يەنى خېلى پۇل تېپىپ كەلگەندەك قىلامدۇ، جانغا ئەسقاتقۇدەك، دېھقانلار؟
كادىر: ھەئە، شۇ ئالدى بىر 10 مىڭ كوي، ئەر-خوتۇن چىققانلار 15 مىڭ كوي ياكى 14 مىڭ كوي، 8-9 مىڭ كوي پۇل تېپىپ كەپتىغۇ.
مۇخبىر: بۇ دىنىي خىزمىتىڭلارچۇ؟ بۇنى قانداق ئىشلەۋاتىسىلەر؟
كادىر: دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۇرس ئېچىۋاتىمىز. ھەر كۈنى 77 ئادەم بار. 8 كۈن قاتنىشىدۇ بىر كۇرسىغا. 18 ياشتىن 30 ياشقىچىلار بىر گۇرۇپپا. 30 ياشتىن 45 ياشقىچىلار بىر گۇرۇپپا. 45 ياشتىن 60 ياشقىچە مۇنداق قاتنىشىدۇ. ھەپتىدە بىر ئەمەس، بىر كەلگەندە ئۇدا 8 كۈن قاتنىشىدۇ.
بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەتسىدىق ئۇراھىمنىڭ دېلوسى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ناھەق سوتلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تىپىك دېلو.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، د ئۇ ق نىڭ سابىق باش كاتىپى، نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دەيدۇ: «ئون سەككىز ياشلىق بىر بالىنىڭ ئاپتوبۇسنى ئۇ بالا ئۆزى يالغۇز ئۆرەلمەيدۇ-دە، بەرىبىر. ئاپتوبۇسنى ئۆرىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى ياكى بىرەر 200 ياكى 20-30 بالا ئۆرىگەن بولسىمۇ، ئاشۇنى، دەپ 18 ياشلىق بالىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدى، دېگەنلىك قانۇن دېگەن بىر نەرسە يوق-دە، بۇ يەردە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بالىنىڭ سوتى ئوچۇق سوتمۇ ئەمەس. ئادۋوكاتى، ئاتا-ئانىسى سوتقا قاتناشقانمۇ-قاتناشمىغانغۇ، ئۇمۇ ئېنىق ئەمەس. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەردى دېگەننى غەرب دۆلەتلىرى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ.»
نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دە سوتلانغان، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، ناھەقچىلىكنى تۈزىتىشكە چاقىردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇنداق قىلغاندا زىددىيەتنى يۇمشاتقىلى بولىدىكەن.
نۇرمەمەت مۇساباي: «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ناھايىتى بىر-بىرىمىزگە ئۆچ بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتكەن. دېڭ شاۋپىڭنىڭ سىياسىتى بىلەن نەق مۇشۇنداق بولدى، يەنى قايتىدىن خاتا سوتلىنىپ كەتكەنلەر كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، بىز 80-يىللىرىدا خىتايلار بىلەن بىر ئاز ياخشى ئۆتتۇق. يەنى خىتاي ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقىنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن. ئەگەر خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان زىددىيەتنى يوق قىلىمەن، ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن، دېسە، ئەلۋەتتە 2009-يىلدىن باشلاپ، خاتا سوتلانغانلاردىن كەچۈرۈم سوراپ، قويۇپ بېرىدىغاننى قويۇپ بېرىپ، خىتاي قانۇنىنى خىتايغا ئىجرا قىلغاندەك ئادىل، نورمال ئىجرا قىلسا، ئۇ يەردە تەرتىپ ئىنتىزام، تىنچلىق ساقلىنىدۇ، دەپ قارايمەن.»
خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە 197 ئادەم ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ساننى يوشۇرغانلىقىنى، ۋەقەدە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ ھەقىقىي ساننى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەدە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment