ئىستانبۇلدىكى كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلغان تېررورچى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىستانبۇلدىكى كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلغان تېررورچى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم پارتىيەسىنىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، تېررورچىنى سوراق قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان تەپسىلاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتقان.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىنمۇ ساقچى ئىدارىسى باشلىقى مۇستافا چالىشكان بىلەن بىرلىكتە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، تەكشۈرۈشلەردە بارماق ئىزىنىڭ ئوخشاش چىققانلىقىنى ئېيتقان.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ساقچىلارنىڭ ئىنتايىن جىددىي خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئىپلاس ھۇجۇمنىڭ جىنايەتچىسىنى ئەسەنيۇرتتا قولغا ئالغانلىقىنى، قاتىلنىڭ 1983–يىلى ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغانلىقى، ئافغانىستاندا تەربىيەلەنگەنلىكى ۋە 4 تىل بىلىدىغان، يېتىشكەن بىر تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

مەنبە: تۈركىيە رادىئو تىلىۋىزىيە ئىدارىسى خەۋرى

 

Leave a Comment

*

*