ت ر ت ئاۋازدا ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى كۈنتەرتىپكە كەلدى

سىيت تۈمتۈرك ئەپەندى يامان نىيەتلىك قاراڭغۇ كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى رەزىل مەقسەتلىرى ئۈچۈن سۇيىئېستىمال قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (17-يانۋار) ت ر ت ئاۋاز قانىلىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا ،ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيت تۈمتۈرك ئەپەندى ت ر ت ئاۋاز قانىلىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇيغۇرمەسىلىسىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

سىيت تۈمتۈرك ئەپەندى تېررورىزمنىڭ نە دىنى، نە ئىرقى، نە دۆلىتى بولمايدىغانلىقىنى، يامان نىيەتلىك قاراڭغۇ كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى رەزىل مەقسەتلىرى ئۈچۈن سۈيىئېستىمال قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. قاراڭغۇ كۈچلەرنىڭ تۈركىيە ئاخباراتلىرىنى خاتا يۈزلەندۈرۈشى تۈپەيلى ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە شۇنداقلا بارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە كۆرسەتكەن يامان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

پىروگرامما بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 24:00 تىمۇ تەكرار تارقىتىلىدىكەن.

مەنبە: تۈركىيە رادىئو تىلىۋىزىيە ئىدارىسى خەۋرى

Leave a Comment

*

*