بىرىنچى قىسىم: «ھىجرەت» قارارىنىڭ بېرىلىشى
جالالىدىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق ئۇزاق مەزگىللىك «قاچقۇنلۇق» مۇشەققەتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.
ياش جالالىدىن قەيسەرىدىكى تۇرالغۇسىدا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭ كۆڭۈل پەرۋازى ئاناتولىيەدىكى ئەرجىيەس تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ باغرىدىكى قەدىمىي بوستانلىق – يەكەن دىيارىغا تۇتاشتى. ئۇ تەمكىن بىر ھالەتتە ئۆز ھېكايىسىنى مۇنداق بايانلار بىلەن باشلىدى.
-مېنىڭ ئىسمىم جالالىدىن، بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم. مېنىڭ يۇرتۇم يەكەندىن. مەن گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇرتىمىزدا يولغا قويۇۋاتقان «9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ» مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولساممۇ، ئەمما «دىنسىزلىق» تەشۋىقاتى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ ئوقۇشتىن كۆڭلۈم ھېچ سۇ ئىچمىدى. مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىرىمىزنىڭ تەڭدىن تولىسى ئەمەلىي ۋە لازىملىق پەنلەر بولماستىن، بەلكى دىنغا قارشى سىياسىي تەشۋىقات ھەم «دىنسىزلاشتۇرۇش» تەربىيىسى ئىدى. شۇ ۋەجىدىن مەجبۇرىيەت ۋە ئامالسىزلىق ئىچىدە 9 يىللىق مەكتەپنى تۈگىتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
-مەن دىنىي مۇھىتى ناھايىتى قويۇق بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتىمەن. بىز ئائىلىدە 7 بالا ئىدۇق. مەن بالىلارنىڭ ئالتىنچىسى ئوغۇللارنىڭ كەنجىسى ئىدىم. ئاتا-ئانام كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىزگە ئىمان، ئېتىقاد ۋە ئىسلامى بىلىملەرنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەتكەن ھەمدە بىزنىڭ مۇخلىس مۇسۇلمان بولۇپ چوڭ بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلاتتى. بىزمۇ پۈتۈن ئىمكانىيىتىمىز بىلەن ئىسلامى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى، خىتاي چەكلەۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىي ھەقىقىتىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلاتتۇق. ھالبۇكى، كۆز ئالدىمىزدىكى مەۋجۇت رېئاللىق بىزنىڭ بۇ ئارزۇلىرىمىزغا ھېچ يول بەرمىدى.
-2006-يىلى مەن 9-سىنىپنى تۈگىتىپلا ئوقۇشتىن چېكىندىم. چۈنكى نورمال دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەقىدە ئەركىنلىكى بولمىغان، ئاتېئىزم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ مائارىپتىن جاق تويغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئانامغا ياردەملەشتىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنىغا دائىر تەلىماتلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن يېقىن ئەل-ئاغىنىلەر بىرلىشىپ ئۆيدە يوشۇرۇنچە دىن ئۆگەندۇق. بۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، پۈتۈن يۇرتلاردا دىنىي تەلىم ئۆگەنگەن ياشلارنى «دىنىي ئەسەبىي»، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇنسۇر» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى. 2010-يىلى بولسا كېرەك. بىز 7-8 ياش مەلۇم بىر ئۆيدە يىغىلىپ، يوشۇرۇنچە دىنىي تەلىم ئېلىۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز بىر توپ ساقچى بۇ قورۇغا باستۇرۇپ كىردى.
-ساقچىلار بەلكىم 20-30 دەك بولسا كېرەك. بۇ ئۆيدە ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار ئىدى. پۈتۈن قورۇ قىيا-چىيا بولۇپ كەتتى. شۇ مىنۇتتا ۋۇجۇدۇمدا شۇنداق بىر كۈچ ئۇرغۇدى، ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن جاسارەتلىنىپ قورۇنىڭ كەينىدىكى 3 مېتىردىن ئېگىز پىششىق خىش تامدىن يامىشىپ چىقىپ ئۆزۈمنى پەسكە ئاتتىم. ئادەتتە پۇت-قولۇمدىن بىرى تارتىپ چىقارسىمۇ بۇ ئېگىز تامدىن ئارتىلىپ چۈشەلمەيتتىم. ئەمما ئاشۇ دەقىقىدە شۇنداق ئېگىز تامدىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ قاچتىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى، ھەتتا ئاياللار بىلەن بالىلارمۇ تۇتۇلۇپتۇ. كېيىن ئاڭلىسام، ئاياللار بىلەن بالىلارنى قويۇپ بېرىپتۇ. ئەمما ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ ئاپىرىپ قاماپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەڭگىل بىر تەرەپ قىلىنغانلار 7-8 مىڭ سومدىن 10 مىڭ سومغا قەدەر جەرىمانە تۆلەپ، كاپالەت بىلەن قويۇپ بېرىلىپتۇ. باشقىلىرى كېسىلىپ كېتىپتۇ.
-شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاكى 4 يىلغىچە يەكەن تەۋەسىدە قېچىپ يۈردۈم. كۈندۈزلىرى يوشۇرۇنۇپ يېتىپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلدىم. يىلدا بىرقانچە قېتىم يېرىم كېچىدە موتسىكلىت بىلەن يوشۇرۇنچە مەھەللىمىزگە كېلىپ، ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردۇم. بەزىدە يېرىم كېچىدە قوراللىق ھەربىيلەرنىڭ ئۆيىمىز ئەتراپىنى چارلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. بۇنداق ۋاقىتلاردا موتسىكلىتنى باشقا جايغا توختىتىپ، خۇپىيانە ھالدا ئۆيىمىزگە ئارقا قورۇدىن كىرىپ چىقاتتىم. ئانام بىلەن ئورىنىپ يۈرىدىغان ئاچىلىرىم ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئىچىدە ياشىماقتا ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئەل-يۇرت ۋە دىنىي قېرىنداشلىرىمىز شۇنچە قاتتىق قامال ئىچىدە تۇرۇپمۇ ماڭا ئوخشاش ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئىنسانلارنى ئۆز قوينىدا ساقلاپ قالدى. ھەتتا مېنى ۋە ماڭا ئوخشاش قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قالغان كىشىلەرنى نەدە كۆرسە شۇ يەردە نەق مەيداندىلا ئېتىۋېتىش بۇيرۇقىمۇ چۈشۈپتۇ. ئەنە شۇنداق قىيىن شارائىتتا بىرقانچە يىلنى ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى ۋەتەندە داۋاملىق يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. ئاللانىڭ ئىنايىتى بىلەن 2013-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى ۋە ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق مالايشىياغا قېچىپ چىقتىم.
يۇقىرىدا 2013-يىلى ۋەتىنى تەرك ئېتىپ «ھىجرەت» سەپىرىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولغان، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى بىرقانچە يىللىق مۇساپىرەت ۋە تۇتقۇنلۇق ھاياتىدىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن جالالىدىننىڭ بايانىدىن ئۇنىڭ «قاچقۇنلۇق» كەچمىشلىرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى ئاڭلىدىڭلار. بۇ ھەقتىكى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ ئاخىرى داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
(داۋامى بار)
Leave a Comment