ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەردە خۇتبىنى بىر تۇتاش تېلېۋىزوردىن ئاڭلاش يولغا قويۇلماقچى

يېقىنقى ئايلاردا دائىرىلەرنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە 3500 گە يېقىن مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارغا ئاساسەن مۇخبىرىمىزنىڭ جايلاردىن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىتلەرنى «ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن مەسچىتلەرگە قاراتقان باشقۇرۇش سىياسىتى ئىككىنچى باسقۇچقا قەدەم قويغان بولۇپ، مەسچىتلەرنى ئىلغارلاشتۇرۇش ۋە پارتىيەنىڭ سىياسىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش دېگەن نام ئاستىدا بارلىق مەسچىتلەرگە تېلېۋىزور ئورۇنلاشتۇرغان. مەسچىتلەرگە بىر تۇتاش تېلېۋىزور ئېكرانى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت نېمە، تېلېۋىزورلار نېمىگە ئىشلىتىلمەكچى؟

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرىنىڭ رادىئومىزغا ۋاسىتىلىك يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە قەشقەر،خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئاساس قىلىپ يولغا قويغان يېڭى سىياسىتىدە مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش باھانىسىدە مەسچىتلەرنىڭ سانىنى ئازايتىپ، رەقەملەشتۈرۈپ سىستېمىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە ھەر قانداق مەسچىتلەردە ئىمام ۋەز-تەبلىغ قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىر تۇتاش بېكىتكەن، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەستىقلىغان، كومپارتىيىنىڭ ئىدىيىسى بويىچە تەييارلانغان ۋەز نەسىھەتلىرىنى بىر تۇتاش تېلېۋىزوردىن ئاڭلىتىشنى بەلگىلىگەن. جۈمە نامازلىرىمۇ بۇ تېلېۋىزوردىن بىر تۇتاش تارقىتىلغان ۋەز-تەبلىغ بويىچە ئېلىپ بېرىلماقچى ئىكەن.

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتىلگەن ئۇچۇردىن كۆرە، ئۈرۈمچى ۋە شىمالىدىكى رايونلاردا بۇ پىلاننى قىسمەن ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، دائىرىلەر ھەر بىر مەسچىتكە تېلېۋىزور ئېكرانى ئورنىتىشنى پات ئارىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولۇشنى جايلارغا ۋەزىپە قىلغان ۋە مەخسۇس تېلېۋىزور ئېكرانى ھەمدە سۈزگۈچ قاتارلىق تارقىتىش قوبۇل قىلىش زاپچاسلىرىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر مۇھاجىرمۇ يېقىندا بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاڭلىغان ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرى داۋامىدا خەلقنى دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن مەجبۇرىي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ تېلېۋىزور ئېكرانلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇنىڭدا پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنى، دىنىي ئاشقۇنلۇققا ۋە تېررورلۇققا قارشى تەشۋىقاتلىرىنى قويۇپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مەسچىتتىكى نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنىغا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككىنچى باسقۇچلۇق ھەرىكىتىدە تېلېۋىزور ئورنىتىشىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، ئۈرۈمچىدىكى دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەنىۋەر ئىسىملىك بىر كادىرغا تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئۇ، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا دېلىغۇل بولۇپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ئەتراپىدىكى ئامانلىققا مەسئۇل ياۋاغ ساقچىخانىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، ئۇلار مەسچىتكە تېلېۋىزور ئورنىتىش ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمەي، ئۇلارغا تېلېفون قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇندى.

ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىكى ئايكۆل يېزا مەھەللە كومىتېتىدىن تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر چارلاش خادىمى، بۇ يېزىدا 200 چە ئائىلىگە بىرلا مەسچىت بارلىقىنى ۋە مەسچىتكە تېلېۋىزور ئېسىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىدى ھەمدە ھازىرچە ئۇنىڭدا پارتىيىنىڭ سىياسىتى ۋە بەزى دېلولارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بىر تۇتاش تارقىتىلىدىغان جۈمە خۇتبىنىڭ قاچاندىن باشلىنىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىخلاسمەنلىرىمىز تەرىپىدىن رادىيومىزغا يوللانغان ئۇچۇرلاردا يېقىندا يىللاردىن باشلاپ خىتاي يولغا قويغان «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى»، بولۇپمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلار ۋە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلىدىن باشلاپ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش، دىننى سۇسلاشتۇرۇش» نامىدىكى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئاساسەن ئەل ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر، مۇسۇلمان ئاممىسىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە دىنىي زات، دىنىي زىيالىي ۋە ئۆلىمالارنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش، جازالاش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، قانۇنسىز دىنىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىشتەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تەقىبگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى دىنىي زاتلاردىن تۈركىيەدىكى ئىسلام قانۇن پەنلىرى دوكتورى ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا مەسچىت ئىماملىرى، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زاتلارنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ نۇرغۇنلىرىنىڭ قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تەربىيىلەپ مەسچىتلەرگە قويغان ئىماملىرىغىمۇ ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تېررور ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تىغ ئۇچىنى مەسچىتلەرگە قارىتىپ ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگىچە پارتىيە،گۇرۇھلارنى قۇرۇپ، ھەر مەھەللىدە ئىش باشقۇرۇش پونكىتلىرىنى قۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ كادىرلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالمايۋاتقانلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەرىبىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ياكى پارتىيىنىڭ گېپىدىن بەكرەك مەسچىت ئىماملىرىنىڭ، خەلق ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغان دىنىي زاتلارنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزى ئىماملارنى تەيىنلەپ باقتى، بۇمۇ ئاقمىدى، ئەمدىلىكتە مەسچىت ئىماملىرىنى قايرىپ قويۇپ، ‹تېلېۋىزور ئىمامى› ئارقىلىق ئېتىقادچى ئاممىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىسا مەسچىتلەرنىمۇ سىياسىي سەھنىگە ئايلاندۇرىدۇ. گەرچە خىتاي مۇشۇنداق كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسى ئۇنى پەرق ئېتەلەيدۇ ۋە مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ چارىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن تېخىمۇ ۋاز كەچمەسلىككە ھەر خىل يوللاردا قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.»

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*